مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ «1+99» ئاددىي ئەمەس

2020.07.03 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىگەچكە، ئۇزاققىچە تۆھپە يارىتىلدى؛ كۈچ توپلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.

  1921-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە 99 يىل ھالقىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، يول بويى ياشىرىپ، يول بويى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، ئۆتكەللەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنى ھالاكەتتىن قۇدرەت تېپىشقا يېتەكلىدى؛ نۆۋەتتە ئۇزۇنغىچە مۇستەھكەم بولۇپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

  2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، ئالاھىدە بىر يىل بولغۇسى. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا ئاتلىنىمىز؛ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى پات ئارىدا باشلىنىدۇ.

  «99+1»نى كۈتكىلى ئۇزاق بولدى، مول ھوسۇل ئالدۇق. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنگىچە، راۋاجلىنىش يولىدىن گۈللىنىش يولىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئىنقىلاب قىلدى، قۇرۇلۇش قىلدى، ئىسلاھاتنى تۇتتى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان ئەلنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىش ئارقىلىق، ئىلگىرى ھاقارەتكە ئۇچرىغان بىر دۆلەت داغدام يولغا ماڭدى؛ 40 نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇيىمىزغا بارغانسېرى يېقىنلاشتۇق. ئاچ-يالىڭاچلىق، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم-كېچەك كەمچىل بولۇش، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر بولۇشتەك نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مەسىلىلەر ئومۇمەن كەلمەسكە كەتتى، ئېلىمىز بىر مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئادەمنى قاپلىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، يېزىلاردىكى 700 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كۆزلىمە ئۆمرى 70 يىلدىن بۇيان 35 ياشتىن 77 ياشقا ئۆستى... تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ.

  «99+1»گە نىسبەتەن، قەدىمىمىز مۇستەھكەم، ئىشەنچىمىز كامىل. «سېۋەت توقۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سېۋەت ئېغىزىنى يىغىشتا». قانچە ئۇلۇغ ئىشلار كۆپ ھاللاردا شۇنچە جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەرلەرگە تولغان بولىدۇ. 2020-يىلى، 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت يەنە بىر يۇقىرى پەللىگە چىقىش يولىدا ماڭدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان غايەت زور زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى غەلىبىلىك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىسلاھاتنىڭ توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك... ھېچقايسىسى ئاددىي ئەمەس، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى ۋە خەۋپ-خەتەر كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل قوشلاپ كېلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ جاسارىتى ۋە ئەقىل- پاراسىتىنى سىنىماقتا. لېكىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۈرەش قىلىشقا، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئۇلۇغ پارتىيە، كۈرەش قىلىشقا ماھىر، غەلىبە قىلىشقا ماھىر ئۇلۇغ پارتىيە، مەيلى ئالدى تەرەپتىكىسى كۆز يەتكۈسىز جىددىي ئېقىن بولسۇن ياكى بۇلۇتلار ئۇچۇپ ئۆتسۇن ھەرۋاقىت ئۇيۇل تاشتەك ئىشەنچ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت- شىجائەت بىلەن، تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

  تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، سۇلارنى كېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، تاغ ئېگىز، يول يىراق بولسىمۇ، مەنزىرىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 99 يىلدىن بۇيان، كەلگەن يولنى يورۇتقان ۋە بويسۇندۇرغىنى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى بوشاشماي ئىزدىنىشىدۇر. بۈگۈنكى جۇڭگو تارىخنىڭ چوققىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، بىزنى داۋاملىق كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشقا، مەڭگۈ كۈرەش قىلىشقا، 1000 يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئىرادە باغلاپ، تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجە يارىتىشقا چاقىرماقتا!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ