مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم

2020.07.01 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 29-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش» توغرىسىدا 21- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشكىلىي قۇرۇلۇش − پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئىلمىي قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلدى. بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى يولداش خۇ جىنچى بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن، پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 99 يىللىقى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدىغان بىر قېتىملىق مۇھىم پائالىيەت، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيەنىڭ تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قاچانكى توغرا تەشكىلىي لۇشيەندە چىڭ تۇرساق، پارتىيە تەشكىلاتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ، پارتىيە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ قاچانكى تەشكىلىي لۇشيەندە خاتالىق يۈز بەرسە، پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئوڭۇشسىزلىق كۆرۈلىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش ئۆلچىمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللاندى ھەمدە پارتىيەنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك چېنىقىش جەريانىدا تېخىمۇ قەيسەر بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، بىز تارىخىي تەجرىبىلەرنى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى يىغىنچاقلىدۇق. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى توغرا چۈشىنىپ، نىشان يېتەكچىلىكى، مەسىلە يېتەكچىلىكى، نەتىجە يېتەكچىلىكىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى توغرا ئىگىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ