مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلار بۇيۇملىرى بىخەتەرلىكىگە قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ

2020.07.02 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلار ۋەتەننىڭ غۇنچىسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى. شۇڭا ئۇلارغا تېخىمۇ بىخەتەر ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، ھەمدە ئۇلارنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولغان تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش، ھەم شۇنداقلا بالىلارنىڭ ساغلام ۋە خۇشال-خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەلىپى، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلانماقتا، لېكىن، مەكتەپ يۈگۈرۈش يوللىرى، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش قوراللىرى ۋە مەكتەپ فورمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرى يەنىلا يۈز بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلار تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكى كاپالەت سىزىقىنى پۇختىلاشنى تەلەپ قىلدى. ئىسپات بېرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن تاكى مەھسۇلاتنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشكىچە، مەھسۇلاتنى قايتۇرۇپ كېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۇشتىن تاكى ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشقىچە، ئالاقىدار تارماقلار كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ بالىلار ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك. دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلى، ئېلىمىزدە بالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە ئەرز قىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ئاشقان.

  بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ. يېقىندا تاراتقۇلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، نۇرغۇن ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى 10 خىل بالىلار يەر سېلىنچىسى ئىچىدىكى 6 خىلىنىڭ فورمامىدنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، ھەمدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 17 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نەچچىسى تېخى بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتلار ئىكەن. بۇ كىشىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس، تۈزەشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەر ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پۇختا ھەرىكەت قوللانغاندىلا، بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  خەۋپ-خەتەرنى مەنبەدىن تۈگىتىپ، بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چىتلاقنى چىڭ باغلاش كېرەك. بەزى بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت جەھەتتە يوشۇرۇن خەۋپنىڭ كۆپ كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى شۇكى، ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرى پەقەت پايدىنى كۆزلەپلا، خام ئەشيا-ماتېرىياللىرى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردا ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىك مەسىلىسىگە پىسەنت قىلمىغان. بۇنىڭغا قارىتا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ تارىنى چىڭىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يېقىندا، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى (ئۆلچەم كومىتېتى) مەملىكەت بويىچە بوۋاقلار بۇيۇملىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تەستىقلىدى، ماس قەدەمدە بىرلىككە كەلگەن يېڭى تىپتىكى بوۋاقلار بۇيۇملىرى ئۆلچىمى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، كەڭ بالىلارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆلچەملىك قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مەقسەت قىلدى.

  سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشتا سۇپا ۋە يوللار مەسئۇلىيىتىنى چىڭداش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، بالىلار بويۇملىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغاچقا، سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنىڭ يولغا قويۇلۇش سۈرئىتى دائىم مەھسۇلاتنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىگە يېتىشەلمەيۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بەزى ئالاقە تورى سۇپىلىرىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قەدىمى ئاسانلىقچە يېتىشەلمەيۋاتىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سېتىلىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئىدى. دېمەك، سۇپىلارنىڭ توردا سېتىلىدىغان بالىلار بۇيۇملىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش مەجبۇرىيىتى بار، سېتىشقا ئىجازەت بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق تۇتۇش ۋە ئەرز قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردىن باشلاپ، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، سۈپەت بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە تۇتۇش كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2019- يىلى، ئېلىمىزنىڭ ئويۇنچۇق بازىرىنىڭ پارچە سېتىش كۆلىمى 75 مىليارد 970 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 ئاشقان. سۈپەت بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغاندىلا، بازارنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  بالىلارنىڭ ساغلاملىقى ئائىلىنىڭ بەختىگە ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تۈزۈم مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ