مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

99 يىل كۈرەش قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنىلا ياپياش

___ پارتىيەنىڭ 99 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن

2020.07.06 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نەزەر دائىرىمىزنى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن 99 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا قايتۇرساق، پارتىيەمىزنىڭ جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلغان شان- شەرەپلىرىنى تېخىمۇ چۈشىنەلەيمىز.

  پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسىدىن تەرەققىي قىلىپ 90 مىليون پارتىيە ئەزاسى بار، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەگە ئايلانغان پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، باشتىن ئاخىر خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب دەل جۇشقۇن كۈرەش ھالىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ كەلگەنلىكىدە.

  جۇشقۇن كۈرەش ھالىتىنى مەڭگۈ ساقلاش ___ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندە: «پەقەت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ مەڭگۈ كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى مەڭگۈ ياشارتقىلى بولىدۇ»، دېگەن ئىدى. ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنىڭ ئىلھامى ئاستىدا، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭ ساقلاش غايە ئېتىقادنى چىڭىتىشقا قەتئىي ئىرادە باغلاشنى ۋەتەنگە، خەلققە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ھالقىلىق ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئاڭلىق ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى.

  جۇشقۇن كۈرەش ھالىتىنى مەڭگۈ ساقلاش − ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش خىزمەت ئىستىلىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت تۈپ ئۇسۇلدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈش، ئالغا ئىلگىرىلەش نىشانىنى بېكىتىش، كەسىپ پىلانىنى تۈزۈش جەريانىدا باشتىن ئاخىر ئوبيېكتىپ پاكىتنى ئاساس قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پىرىنسىپ قىلىپ، قۇرۇق گەپ ساتمىدى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا مەسىلىلەرنى بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا خەۋپ-خەتەر سىنىقىدىن ساقلىنىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، رەھبەرلىك يادرولۇق ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.

  جۇشقۇن كۈرەش ھالىتىنى مەڭگۈ ساقلاش − ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان نەزەرىيەۋى كۈچنى نامايان قىلدى. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئۆزگىچە سىياسىي ئەۋزەللىكى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى، ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى سىستېمىلىق ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيەدە چىڭ تۇرۇشنى پۇت تىرەپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قىلىپ، ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيەنى ئۆگىنىش ۋە جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، توغرا ئىستىلنى يېتىلدۈرۈپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇرەككەپ ئىشلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىدا كوممۇنىزم، سوتسىيالىستىك غايە ئېتىقادىنى باشتىن ئاخىر چىڭىتتى.

  جۇشقۇن كۈرەش ھالىتىنى مەڭگۈ ساقلاش − مەزمۇنى ئىلمىي، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي لۇشيەننى نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قاچانكى توغرا تەشكىلىي لۇشيەندە چىڭ تۇرغاندا، پارتىيە تەشكىلاتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدۇ، پارتىيە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ قاچانكى تەشكىلىي لۇشيەندە ئېغىش يۈز بەرسە، پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، پارتىيە ئىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ». پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە تەشكىلاتى كوللېكتىپى تېخىمۇ پۇختا بولۇپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى تېخىمۇ زورايدى، تەشكىلىي تۈزۈم تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، پارتىيەنىڭ كۈچىنى يېڭىلاپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، باشتىن ئاخىر ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ساپلىقى ۋە ئىلغارلىقىنى ساقلىشىنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  بوران چاپقۇنلۇق يولدا ھەيۋەتلىك ئىلگىرىلىدى؛ يىللار قېرىمايدۇ، ئەسلىي قىياپەت ئۆزگەرمەيدۇ. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيانقى چېنىقىش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشى، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشتى. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيانقى داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا نەزەر سالساق، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي ئورۇندا، پارتىيەمىز خەلق ئاممىسىغا يېقىندىن تايىنىپ، دەۋر قىيىن مەسىلىسىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، دەۋر ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

  بۈگۈنكى دۇنيا «100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش»كە دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى مىسلى كۆرۈلمىگەن خەۋپ-خەتەر، خىرىس ۋە تەرەققىياتقا دۇچ كەلمەكتە، لېكىن چوڭ ئۆزگىرىش چوڭ پۇرسەتنى بارلىققا كەلتۈردى. جۇڭگو مۆجىزىسى داۋاملاشماقتا، جۇڭگو يولى بارغانسېرى مۇستەھكەملەنمەكتە، 99 يىل كۈرەش قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنىلا ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ