مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جىنشاجياڭ ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ، تىرىشىپ ئېسىل مەھسۇلات قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك

2020.06.30 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جىنشاجياڭ ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ توك تارقىتىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرى، ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتقانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، بارلىق قۇرغۇچىلار ۋە ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كەڭ كادىرلار، ھەمدە كەڭ ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»نى يولغا قويغان دۆلەتلىك مۇھىم قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. مەن يولداشلارنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقىپ، كېيىنكى قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى تىرىشىپ نادىر قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جىنشاجياڭ دەرياسى سۇ ئېنىرگىيە بايلىقىنى ئېچىشنى ئىلمىي ۋە تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، جىنشاجياڭ دەرياسى ۋادىسىنى قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ. خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك.

  ۋۇدۇڭدې سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى گېنراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ توك تارقىتىش مۇراسىمى 29- چېسلا ۋىدىئو شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، يۈننەن ۋە سىچۈەن قاتارلىق جايلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇراسىمدىكى مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ