مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ

2020.07.06 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيادا ئەسلىدىنلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئەركىنلىكى بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار سەگەك بولۇشى ۋە ئۆزىنى قەدىرلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق غەرىزى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۈزگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇنى» بولسا، دۆلەتنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ۋە قوغدىشىنىڭ ئىپادىسى، ئۇ ھەم شۇنداقلا خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئادەتكە ئۇيغۇن. بۇنداق ھەققانىي تەدبىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى. يېقىندا، 70 نەچچە دۆلەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، جۇڭگو شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قانۇن چىقىرىشىنى قوللىدى، بۇ، ھەققانىيەتنىڭ يەنىلا كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار جاھىللىق بىلەن ھەققانىيەتنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۆزلىرى ئادەتلەنگەن ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»، «ئەركىنلىك» دېگەن نىقابلار بىلەن، قىلچە ئاساسسىز ھالدا شياڭگاڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنىغا داغ تەگكۈزدى، قىلچە تۆۋەن چەك بولمىغان ھالدا جۇڭگوغا قارا چاپلىدى. بۇ ئۇلارنىڭ بارلىق سىياسىي ئىشلارنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋېلىشتەك رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلاپ قويدى.

  دۆلەت قانچە بىخەتەر، جەمئىيەت قانچە تىنچ بولغانسېرى، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى شۇنچە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. شياڭگاڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى بۇ قانۇندا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى ئېنىق بەلگىلەندى، ئومۇمىي پىرىنسىپتىكى ئىنتايىن گەۋدىلىك ئورۇندا «كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش» مەسىلىسى تەكىتلەنگەن. ھەرقانداق ھوقۇقنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېنىق چېكى ۋە دائىرىسى بولىدۇ، ھەرىكەت ئەگەر چەك ۋە دائىرىدىن ھالقىپ كەتسە، مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇققا دائىر خەلقئارا ئەھدىنامە»دە، ئېتىقاد ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكى، تىنچ يىغىلىش ئەركىنلىكى، ئوچۇق سوت قىلىشنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئاممىۋى تەرتىپ قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زۆرۈر چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. دۇنيادىكى 100 نەچچە دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكنى يۈرگۈزۈشتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇلتۇر 6- ئايدا «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دولقۇنى» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئىچكى-تاشقى جەھەتتە تىل بىرىكتۈرۈش نەتىجىسىدە، «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىش ۋە «قارا زوراۋانلىق» قاتارلىق رادىكال جىنايى قىلمىشلار ۋە ھەرىكەتلەر بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە رېئال خەۋپلەرنى يەتكۈزدى، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئېغىر دەرىجىدە تېگىشتەك ھەرىكەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى، نەتىجىدە، ئۇ خىل ھەرىكەتلەر شياڭگاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، خۇسۇسىي ئەركىنلىك ۋە ھوقۇقنى قانۇنلۇق رەۋىشتە يۈرگۈزۈشنىڭ چەك ۋە دائىرىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى.

  شياڭگاڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ زەربە بېرىدىغىنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار ۋە ھەرىكەتلەردۇر، ئۇ قانۇننىڭ كاپالەتلىك قىلىدىغىنى شياڭگاڭدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىدۇر. دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ قانۇن ئېگىز ئېسىلغان بىر ئۆتكۈر خەنجەردۇر؛ ئەمما مۇتلەق كۆپ ساندىكى شياڭگاڭ ئاھالىلىرى، جۈملىدىن شياڭگاڭدىكى چەت ئەللىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قانۇن ئۆزىنىڭ ھوقۇق-ئەركىنلىكى ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان «قوغدىغۇچى ئىلاھ»تۇر. «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلىدىغان ۋە «قارا زوراۋانلىق»قا قۇترىتىدىغان كىشىلەر، دەل شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ھوقۇق ئەركىنلىكى ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشىنىڭ بۇزغۇنچىسىدۇر. بۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئەگەر رەسمىي ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىغا داۋاملىق خىلاپلىق قىلسا، ئۇلارنى ساقلايدىغىنى پەقەت قانۇننىڭ جازالىشىدۇر.

  شياڭگاڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى يوچۇقىنى توسۇشى زۆرۈر بىر تەدبىردۇر. شياڭگاڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، بۇ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇردى، ئۇ، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق، ئۇ ھەم شۇنداقلا شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئەركىنلىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشقا، ھەر قايسى دۆلەت مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ شياڭگاڭدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق. شياڭگاڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى بولسا، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شىياڭگانى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ئۇنسۇرلارنى قوللاپ تۇرىدىغان تاشقى كۈچلەرنىڭ قارا قوللىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. ئەھۋال دەل شۇنداق بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار ئولتۇرالماي قېلىشتى ۋە دەرغەزەپ بولۇشتى. بۇ ئۇلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىڭ پەقەتلا شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان شۇ خىل «ئەركىنلىك» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ھەمدە پەقەتلا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئىسكەنجىگە ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭغا خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان شۇ خىل «ئەركىنلىك» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ ھەم شۇنداقلا پەقەتلا كەڭ شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان «ئەركىنلىك» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئامېرىكىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قانۇن تۈرلىرى كۆپ، 2001- يىلىدىكى «11- سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىنلا «ۋەتەنپەرۋەرلىك قانۇنى»، «دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكى قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلار ماقۇللاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە نۇرغۇن دېلولار شەكىللىنىپ، ئۇ دېلولارنى سوراق قىلىشقا مەجبۇر بولدى، ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك دەرىجىدە سەزگۈر بولغان ۋە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان ئامېرىكا تەرەپ نېمە ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ نورمال ھالدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ھەرىكىتىنى قوللىنىشقا يول قويمايدۇ؟ ئۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر باشقا دۆلەتلەرگە ھارماي-تالماي يول كۆرسىتىدۇ-يۇ، ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق رەزىللىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالىدۇ، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى قۇرۇلمىلىق «يامان سۈپەتلىك ئۆسمە»گە ئايلىنىپ قالدى. ئەسلىدە ئامېرىكىلىق بەزى سىياسەتۋازلار خېلى بۇرۇنلا ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك ئىدى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ شياڭگاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. دۇنيادا ئەسلىدىنلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئەركىنلىكى بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار سەگەك بولۇشى ۋە ئۆزىنى قەدىرلىشى كېرەك، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ