مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە ئالغا ئىلگىرىلەش

2020.07.01 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كۆڭۈلگە ئارزۇنى پۈككەندە، نىشاننىڭ يىراقلىقىدىن قورقمايمىز؛ ھەرۋاقىت ئۈمىدۋار بولغاندىلا، ئارزۇغا يېتەلەيمىز.

  99 يىل ئىلگىرى، بىر قىزىل نۇر جۇڭخۇا مىللىتى ئاسمىنىدىكى چەكسىز قاراڭغۇلۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش سەپىرى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. 99 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، جاپالىق ئىنقىلاب يىللىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، خىرىسقا تولغان سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۆزگىرىشچان دۇنيا ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بوران-چاپقۇنلۇق يوللارنى بېسىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئارقا-ئارقىدىن مۆجىزە يارىتىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ئۆسۈپ يېتىلىش ئازاب-ئوقۇبەتكە ئەگىشىپ كەلگەن بولىدۇ، ئازاب-ئوقۇبەت شانلىق نەتىجىلەرنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش − نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ھەر بىر جۇڭخۇا پەرزەنتىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىدۇر. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، سانسىزلىغان ئىرادىلىك زاتلار مىللەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ خىل سىناقلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ھەممىسى يوقىلىش ۋە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. خەتەرلىك پەيتتە، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشكە يېتەكلەشتەك شەرەپلىك بۇرچنى قەتئىيلىك بىلەن ئۈستىگە ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 99 يىللىق قاينام- تاشقىنلىق تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، خەتەرلىك پەيتتە ھالاكەت گىردابىدا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتى، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن تىز پۈكمەي، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشىدى، قىيىنچىلىق ئالدىدا ئىگىلمىدى-سۇنمىدى... نەچچە ئون پارتىيە ئەزاسى بار كىچىك پارتىيەدىن ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلاندى. ئارزۇنىڭ كۈچى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش داۋامىدا قويۇپ بېرىلدى، جۇڭگو سوتسىيالىزم يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

  قۇرۇق گەپ دۆلەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بېكىنمە، قالاق ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە قاراپ ئىلگىرىلەشكىچە، قورسىقى تويماسلىقتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە، نامرات، ئاجىز ھالەتتىن باي، قۇدرەتلىك بولۇشقا قاراپ مېڭىشقىچە يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى دەل جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۈرەش قىلىش تارىخى، ئارزۇغا ئىنتىلىش تارىخىدۇر. ئارزۇنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەردانىلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاراڭلىق ئاياغ تىۋىشىغا ئەگىشىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سانسىزلىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى. ھازىر بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى غەلىبىلىك ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، زور خىرىسقا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، زور زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش، يەنە ئەمەلىي ئىشلەشنى جىددىي تەلەپ قىلىش لازىم. ھەممە ئادەم ئىش قىلىشنى خالىسا، ھەقىقىي ئىش قىلسا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.

  99 يىل ۋاقىت ئۆركەشلەپ، ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلار ئۆسۈپ يېتىلدى، كۈرەش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىغا مىسلىسىز يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىقتىدارىمىز ۋە ئىشەنچىمىز مىسلىسىز دەرىجىدە ئاشتى. قۇرۇق خىيالغا بېرىلمەي، قۇرۇق گەپكە ئېسىلىۋالماي، قولىمىزدىكى «كۈچ ئۇلاش تايىقى»نى چىڭ تۇتۇپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇساپىسىدە غەيرەت قىلىپ، داۋاملىق شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ