مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتىنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى ئۆزگەرتىلىپ تورغا چىقىرىلدى

2020.07.01 18:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى ئۆزگەرتىلگەن خەلق گېزىتىنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى رەسمىي تورغا چىقىرىلدى.

  يېڭى نۇسخىدىكى ئېلېكترونلۇق بەتتە ئوچۇق قىزىل رەڭلىك پارتىيە بايرىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ھەيۋەتلىك ۋە ئۇسلۇبى ساپ بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئۇ خىل تۈس تورداشلارغا تېخىمۇ ياخشى كۆرۈش سېزىمى ئاتا قىلىدۇ. ئوقۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، يېڭى نۇسخىدىكى ئېلىكترونلۇق بەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى يول باشلىغۇچ تاختىدا خەت شەكلى چوڭايتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بۆلەكلەرنىڭ يېڭىچە تەسىس قىلىنغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.

  يېڭى نۇسخىدىكى ئېلېكترونلۇق نۇسخىدا PC ئېغىزى ۋە يان تېلېفون ئابۇنت بىتى لايىھەلەنگەن، ھەمدە كۆچمە ئالاقە تورى تېرمىنالى ۋە ماسلىشىشى ئەلالاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن PC ئېغىزى ۋە يان تېلېفون ئابۇنت بېتىنى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، تېرمىنال بېتىمۇ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلدى. خەلق گېزىتىنىڭ ئېلېكترونلۇق گېزىت ئوقۇش تاختىسىمۇ ماس قەدەمدە يېڭىلاندى.

  2019- يىلى يېڭى يىلدا خەلق گېزىتىنىڭ نۇسخىسى ئۆزگەرتىلگەن چاغدا، ئۇنىڭ «ئوقۇرمەنلەرگە» دېگەن سەھىپىسىدە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىش خەلق گېزىتىنىڭ ئاخبارات تارقىتىش ئۇسۇلىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى توغرىسىدا چىقىرىلغان مۇھىم تەڭشەش ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ھەم شۇنداقلا خەلق گېزىتىنىڭ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرىدۇر. خەلق گېزىتىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى مۇشۇنداق ئۆزگەرتىش تەپەككۈرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى بەت ۋە يېڭى مەزمۇنلار ئارقىلىق خەلق گېزىتىنىڭ ئېسىل مەزمۇنلىرىنى تارقىتىدۇ، ھەمدە قوبۇل قىلغۇچىلارغا يېقىن تۇرۇپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە گېزىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ