مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ش ئۇ ئا ر قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ سابىق 2-دەرىجىلىك تەكشۈرگۈچىسى ئىلھام ئابلەت ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2020.07.01 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ سابىق 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ئىلھام ئابلەتنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ئىلھام ئابلەت پارتىيەگە سادىق بولمىغان، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك ئەمەس، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلىپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلغان؛ تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىشىپ، دەلىل- ئىسپاتلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، يوشۇرۇپ قويغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ زىياپىتى ۋە كۈتۈۋېلىشىنى قوبۇل قىلغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغات پۇلى قۇبۇل قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پايدا ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان؛ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغان، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆستۈرۈش، خىزمەت يۆتكەش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن؛ باشقىلار بىلەن ناتوغرا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن مال-مۈلۈك تەلەپ قىلغان، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ھالدا قۇبۇل قىلغان.

  ئىلھام ئابلەت پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر دەرىجىدە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش قاتارلىق جىنايەت شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئۆزىنى سورىمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولۇپ، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ش ئۇ ئا ر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ش ئۇ ئا ر پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق، ئىلھام ئابلەتكە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق پۇل-مال دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  ئىلھام ئابلەتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ئىلھام ئابلەت، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئاتۇشتىن، 1961-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، 1984-يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1994-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1984-يىلى 12-ئايدىن 1988-يىلى 8- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1988-يىلى 8-ئايدىن 1991-يىلى 3- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى كادىرلار-قوغداش باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1991-يىلى 3-ئايدىن 1994-يىلى 3- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كادىرى بولغان؛

  1994-يىلى 3-ئايدىن 1997-يىلى 2- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتى ئەمگەك-مائاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  1997-يىلى 2-ئايدىن 2001-يىلى 4- ئايغىچە شىنجاڭ قاتناش تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2001-يىلى 4-ئايدىن 2003-يىلى 5- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى تەشكىلات-كادىرلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  2003-يىلى 5-ئايدىن 2006-يىلى 4- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش قۇرۇلۇشى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2006-يىلى 4-ئايدىن 2015-يىلى 11- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورت ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2015-يىلى 11-ئايدىن 2019-يىلى 2- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورت ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2019-يىلى 2-ئايدىن 2019-يىلى 6- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى بولغان؛2019-يىلى 6-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ 2- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى بولغان.

  (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ