مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاتالمىش «گۇمپا تارقىلىشچان زۇكىمى» ئاشكارا ئىرقچىلىقتۇر

2020.06.28 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش دولقۇنى مەۋج ئۇرۇۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا رەھبەرلىرى سايلام رىقابىتىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى ئاشكارا ھالدا «گۇمپا تارقىلىشچان زۇكىمى» دەپ ئاتىدى، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دىن «لوس-ئانژېلس ۋاقىت گېزىتى»گىچە، سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىدىن مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىگىچە ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنى بەس-بەستە ئەيىبلەپ، بۇنى پۈتۈنلەي ئىرقچىلىق تۆھمەت سۆزلىرى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، دەپ قارىدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مۇنتىزىم نامىنى بۇرۇنلا ئېلان قىلغان ھەمدە بۇ نام ئامما، تاراتقۇ ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن كەڭ ئىشلىتىلگەن. ئاتالمىش «گۇمپا تارقىلىشچان زۇكىمى» ئاسىيا پۇشتىدىن بولغان كىشىلەرگە بولغان ئېغىر دەرىجىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك، ئاپئاشكارا ئىرقچىلىق بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئاسىيا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار بۇنى تېخىمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ.

  ئۈچ ئاي ئىلگىرى، ئاقسارايدىكى ئاز ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچلۈك يولغا قويماسلىق مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتىش ئۈچۈن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى «جۇڭگو ۋىرۇسى» ياكى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغان ھەمدە بۇ سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ئامالسىز گېپىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاتالمىش «گۇمپا تارقىلىشچان زۇكىمى»دىن پايدىلىنىپ يەنە بىر قېتىم خۇنۈكلەشتۈرۈش ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

  خۇنۈكلەشتۈرۈشنىڭ كەينىدىكىسى مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىشتىن ئىبارەت كونا ھىيلە-مىكىر. 6-ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىقتىسادنىڭ قايتا قوزغىتىلىشى ھەمدە ئىرقىي كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلەرنىڭ توپلىنىشىغا ئەگىشىپ ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قايتىدىن كۈچەيدى، 26-ئىيۇن، ئامېرىكا بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن جەزملەشتۈرۈلگەن بىمار سانى 40 مىڭدىن ئېشىپ، يۇقۇمدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى. ھازىرغىچە 30 نەچچە ئىشتاتتا يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن ئادەم سانى كۆپەيدى، ئامېرىكا بويىچە يۇقۇمنىڭ داۋاملىق يامانلىشىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

  نامنى خۇنۈكلەشتۈرۈشنىڭ ئارقىسىغا سايلام سىياسىيسىدىكى «قارا تەپەككۇر» يوشۇرۇنغان. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈچلۈك بولماسلىققا ئىرقىي كەمسىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش قوشۇلۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام ئەھۋالى بارغانسېرى ناچارلاشتى. لېكىن ئىرقچىلىق ئاتالغۇسىنى سىياسىي جەھەتتىكى جاننى قۇتقۇزۇش قورالى قىلىش ئوت ئوينىغان بىلەن باراۋەر بولۇپ، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرىدىغان كۆپ ساندىكى سايلىغۇچىلارنى يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇنداق رەزىل قىلمىشنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ۋە تاراتقۇلارنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىشىمۇ ھەقلىق. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە-رادىيو تورىنىڭ ئوبزورچىسى دون لېمون پىروگراممىسىدا ئاقسارايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ «گۇمپا تارقىلىشچان زۇكىمى» دېگەن سۆزلەرنى قىلىشىنى ئەيىبلەپ، بۇ ساختىپەزلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، دېدى.

  ئامېرىكىدا ئەزەلدىن ئىرقىي كەمسىتىشتىن ئىبارەت كونا كېسەللىك مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، ئاسىيا پۇشتىدىن بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇنىڭ زىيىنىغا چوڭقۇر ئۇچرىغان. يېقىندىن بۇيان ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى نامايىشى پۈتۈن ئامېرىكىنى قاپلىدى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دائىرىلەر مەسىلىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئويلىنىپ ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ، ئىرقلار ئارىسىدىكى دەز ۋە ئىجتىمائىي بۆلۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ، ئەخلاققا خىلاپ بولۇپلا قالماي، مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس.

  يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ۋاشىنگتوندىكى سىياسەتۋازلار خاتا يولدا ئۇچقاندەك يۈرۈپ، سىياسىينى ئىلىم- پەننىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، سايلام بېلىتى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ، ئامېرىكىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كونتىروللىقىنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ھازىرغىچە 125 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچرىغان زەربە تېخىمۇ ئېغىر بولدى. «كېچىكىپ قېلىش ھامان كەلمىگەندىن ياخشى»، ئۇلار ئەسلىدە خاتالىقنى ۋاقتىدا تۈزىتەلەيتتى، لېكىن ھازىرغىچە يەنىلا ھوشىنى تاپماي، يۇقۇمنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىر ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە «يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش»، «ئېتىراز بىلدۈرۈش» قوش كىرىزىسقا دۇچ كەلدى، يەنىلا ھوشىنى تاپمىغان ئاشۇ سىياسەتۋازلار دۆلەت ۋە خەلققە بالايىئاپەت كەلتۈرگەنلەردىن ئىبارەت سېسىق نامنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ