مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋون دېلېين بىلەن كۆرۈشتى

2020.06.23 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22- چېسلا كەچتە بېيجىڭدا ۋىدىئو شەكلىدە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋون دېلېين بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىگە ياردەم بەردى. جۇڭگو ياۋرۇپا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، «كېيىنكى يۇقۇم ئەھۋالى دەۋرى»دە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ پۇختا ۋە ساغلام پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەم ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي دۆلەت، ھەمدە ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. جۇڭگو تىنچلىقنى كۆزلەيدۇ، زومىگەرلىك قىلمايدۇ. بىزنىڭ بارلىق سىياسەت ۋە خىزمەتلىرىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى جۇڭگو خەلقىنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىمىز. جۇڭگو تەھدىت ئەمەس، ئەكسىچە پۇرسەتتۇر. جۇڭگو ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ، بۇ ياۋروپانى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەمكارلىق پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو رەقىب ئەمەس، ئەكسىچە ھەمراھتۇر. جۇڭگو بىلەن ياۋروپادا تۈپكى توقۇنۇش يوق، ھەمكارلىق رىقابەتتىن كۆپ، ئورتاق تونۇش ئىختىلاپتىن كۆپ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق داۋامىدا ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات داۋامىدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېخىمۇ دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ زەربىسىدە دۇنيادا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق ئامىللىرىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەن كرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەتنى يېتىشتۈرۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۇ نۇقتا جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە ماس كېلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ، ئىككى چوڭ بازار ۋە ئىككى چوڭ مەدەنىيەت. نېمىنى تەشەببۇس قىلىش، نېمىگە قارشى تۇرۇش ۋە نېمىدە ھەمكارلىشىش دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ