خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 63- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 6- ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق يىغىنىنى 6-ئاينىڭ 28- كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.
كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى مۇنداق تەكلىپ بەردى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20-قېتىملىق يىغىنىدا پاتېنت قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسى، ئېكسپورتنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن (11) لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، مەمۇرىي جازا قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىش.
كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ دائىمىي كومىتېت 20-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېت ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېت 20- قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ