مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش «2020-يىللىق ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

2020.06.18 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز 18-ئىيۇن ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش «2020- يىللىق ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالاپ، قانۇنغا ئايلاندۇرغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش «2020- يىللىق ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويۇپ، قانۇنغا ئايلاندۇردى. بۇ ئاتالمىش قانۇن لايىھەسى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى قەستەن ھاقارەتلەپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلەندى ۋە قەتئىي قارشى تۇردى.

  شىنجاڭ مەسىلىسى ئەسلا ئىنسانىي ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. شىنجاڭ ئىلگىرى ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغان. شىنجاڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلەر جۇڭگونىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ب د ت نىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» ۋە «زوراۋانلىق، ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت قەدەم-باسقۇچلىرى ۋە گەۋدىلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ قانات يايدۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى بىر قېتىممۇ يۈز بەرمىدى، مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، خەلق تۇرمۇشى خاتىرجەم، ئىناق بولدى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئىجابىي باھا بەردى.

  تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك − ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقىنى ئوخشىمىغان ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىمەسلىك كېرەك، خەلقئارا ئەخلاق ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىگە خىلاپ ھالدا قەستەن بۇرمىلاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى ئاتالمىش قانۇن لايىھەسى پاكىتقا پىسەنت قىلماي، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنىڭ نامىنى بۇلغاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئاشكارا ھالدا قوش ئۆلچەمنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى چەكلەيدىغان رەزىل نىيىتىنى يەنىمۇ ئاشكارىلىدى.

  بىز ئامېرىكىغا شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ھەرقانداق چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي بولمايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. بىز ئامېرىكا تەرەپكە خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، يۇقىرىقى شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم نەسىھەت قىلىمىز. بولمىسا، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تەدبىر قوللىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتنى چوقۇم ئامېرىكا تەرەپ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ