مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: قارا قوللارنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بالىلارنى قۇتقۇزايلى

2020.06.17 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» تەرغىباتچىلىرى تارمىقىدىكى «شياڭگاڭ كوللېكتىپىنىڭ ئىرادىسى» تەشكىلاتى تەشكىللىگەن ئاتالمىش «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكەتكە تەييارلىق كۆرۈش سۇپىسى» نامىدا «دەرس تاشلاپ ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇش» دەپ پائالىيەت قوزغاپ، يەنە بىر قېتىم قارا قولىنى مەكتەپكە سۇندى، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنى قانۇن چىقىرىشنى توسۇشتىكى «ئوقى» ۋە «قورالى» دەپ قاراشقا ئۇرۇندى. بۇ شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە ئەيىبلىشىنى قوزغىدى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسى ۋە مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىمۇ بەس-بەستە قارا قولنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بالىلارنى قۇتقۇزۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بۇلتۇر شياڭگاڭدا «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دولقۇنى» يۈز بەرگەندىن بۇيان، دۇنيا ئىشلىرىنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئازدۇرۇلۇپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىنىش بىلەن، ئۇلار كىتابلىرىنى تاشلاپ كوچىلارغا قاراپ ئېتىلدى، رادىكال زوراۋانلىق جىنايىتىگە قاتنىشىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى قاتتىق قايغۇغا سالدى. ئوقۇغۇچىلار تەلپۈنىدىغان شياڭگاڭ خەنزۇ تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى، شياڭگاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى توپىلاڭچىلارنىڭ «جەڭ مەيدانى» ۋە «ھەربىي زاۋۇتى»غا ئايلىنىپ، قارا كۆلەڭ ۋە ئىس-تۈتەكلەر قاپلىدى؛ تېخى ئەمدىلا ئون نەچچە ياشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىمۇ بېنزىن بومبىنى يۇشۇرۇپ ئېلىپ قانۇنغا خىلاپ پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، ھازىرغىچە 3600دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىندى، ئۇلارنىڭ جىنايىتى ئادەم زەخىملەندۈرۈش، ئوت قويۇش، جىنايى ئىشلار بويىچە ۋەيران قىلىش، ھۇجۇم خاراكتېرلىك قورال يوشۇرۇش ۋە ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەكتەپتە بىلىم ئۆگىنىپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە تېگىشلىك بۇ بالىلار قۇتراتقۇلۇق قىلىنىپ، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىماي، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش، يۇرت-ماكانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەتكە قارشى تۇرۇش قاراڭغۇ يولىدا مېڭىشتا، ئەسلىدە بار بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئىستىقبالى بىراقلا ۋەيران بولدى، شۇ سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئازابلار بىلەن ھەمراھلاشتى.

  تۈرلۈك قالايمىقان ئىشلارنىڭ كەينىدە، ئەخمەق قىلىپ تۇرىۋاتقانلار زادى كىم؟ كىم پايدىغا ئېرىشىۋاتىدۇ؟ بەزى ئوقۇتقۇچىلار تارىخىي پاكىتلارنى ئەگرى قىلىپ بۇراپ، ئەپيۇن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىنى جۇڭگونىڭ ئەپيۈن چەكلىشىگە ياردەم بېرىشىدۇر، دەپ خاتا تونۇدى؛ ئىمتىھان ۋە باھالاش ئىدارىسى چىقارغان سوئالنىڭ جاۋابىغا ئوقۇغۇچىلاردىن خاتا جاۋاب كۈتۈپ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ «پايدىسى زىيىنىدىن كۆپ» دېگەن بىمەنە يەكۈننى چىقىرىشقا ئۇرۇندى؛ «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى»نى تەرغىب قىلغۇچى ئۇ تەشكىلات مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس تاشلاپ، ئاتالمىش «ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇش» دېگەن قالايمىقان ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ئاشكارا ھالدا قارا قوللىرىنى مەكتەپلەرگە سۇنۇپ، ھەر خىل سەپسەتىلەرنىڭ مەكتەپكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە ئۇرۇنۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى زەھەرلىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنى «سىياسىي يېقىلغۇ» قىلىش، مەكتەپنى «ئەسەبىي ئىدىيە»نىڭ «پارنىكى» ۋە «قارا زوراۋانلار»نىڭ «مەشىق بازىسى» قىلىش، شۇ ئارقىلىق، باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ نىيىتى نېمىدېگەن زەھەرخەندىلىككە تولغان!

  شياڭگاڭ مائارىپىدىكى قالايمىقانچىلىقنى توسۇشتا نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش بولسا، بۇ قارا قوللارنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بالىلارغا تىنچ مەكتەپ مۇھىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەت.

  مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شياڭگاڭ مائارىپ ساھەسىدىكىلەر پائال ھەرىكەتكە كىلىۋاتدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت مائارىپ ئىدارىسى يېقىندا ئېلان چىقىرىپ، يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ مەزمۇنى ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي سالاھىيىتىنىڭ رولى، قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاقى، يەرلىك مائارىپ سىياسىتى، دۆلەت ۋە خەلقئارا مائارىپ تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە شياڭگاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىغا خەت ئەۋەتىپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى دەرس تاشلاشقا يول قويماسلىقنى، ھەمدە مەكتەپلەردىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپكە خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارىتا ئىنتىزام جازاسى ھەرىكىتى قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. مەكتەپكە يامرىماقچى بولغان «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» ئىدىيىسى ۋە «قارا زوراۋانلار»قا قارىتا، مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر قائىدىنى مەردانىلىك بىلەن تەدبىقلىشى، ئۇلارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىرىۋېتىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

  قارا قوللارنى تەل-تۆكۈس ئۈزۈۋېتىشتە تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»قا ماس كېلىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇر. لاياقەتلىك پۇقرا بولۇش، ھەمدە دۆلەت ھىسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق ۋە چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە، پەقەت «بىر دۆلەت»نىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، «ئىككى تۈزۈم» ئايرىمىسى بولمايدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشتا باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، مائارىپ تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىسلاھاتنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن تەربىيەسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى، خەلق مائارىپى ۋە دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  قارا قوللارنى ئۈزۈپ تاشلاپ، بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن، يەنە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىگە ۋە ئورتاق ھەرىكەتكە كېلىشىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلار ئۈلگە بولۇپ، بالىلارغا ياخشى ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك؛ ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىدا چىڭ تۇرۇپ، توغرا قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىشى كېرەك؛ مەكتەپلەر ئۆزىنى تۈپتىن ياخشىلاپ، ئىناق بولغان مەكتەپ مۇھىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى كېرەك. شياڭگاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرلىكتە مائارىپقا ۋە بالىلارغا سۇنغان قارا قوللارنى رەت قىلغاندىلا، ئاندىن بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى ۋە شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسىنى ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ