مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەجەللىك «كۈلكە»دىن ئېھتىيات قىلىڭ

2020.06.11 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كۈلكە ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئىچكى ھېسسىيات. لېكىن «كۈلۈۋېرىپ» كېسەل بولۇش، «كۈلۈۋېرىپ» ئۆلۈپ قېلىش نورمال ئەمەس، بۇنىڭدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇش، قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك.

  يېقىندا، «‹كۈلكە-چاقچاق ئىچىگە يوشۇرۇنغان پالتا-پىچاق›قاچان تۈگەيدۇ؟ بۇ قارا كەسىپ زەنجىرىنى قانداق ئۈزۈش كېرەك؟» دېگەن خەۋەر كىشىلەرنىڭ كۈلدۈرۈش گازىغا بولغان دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىدى.

  كۈلدۈرۈش گازىنىڭ ئىلمىي نامى ئازوت (Ⅱ) ئوكسىد بولۇپ، يېمەكلىك، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، خۇمار قىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، سۈمۈرگەندىن كېيىن خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، ئىختىيارسىز كۈلدۈرىدۇ، ئۇزاق مۇددەت سۈمۈرگەندە ئادەمنىڭ نېرۋا قىسمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا گەۋپ يەتكۈزىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، كۈلدۈرۈش گازىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشنىڭ زىيىنى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە كۈلدۈرۈش گازى سۈمۈرۈش سەۋەبلىك كېسەل بولۇش، مېيىپ بولۇش، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش دىلولىرى خېلى كۆپ يۈز بەرگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۈلدۈرۈش گازىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كۈچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا خېلى كۆپ يوچۇقلار ساقلانماقتا، كۈلدۈرۈش گازىنى سېتىش، سېتىۋېلىش يەنىلا ناھايىتى ئاسان، قارا كەسىپ زەنجىرى تېخىمۇ چوڭقۇر يوشۇرۇنماقتا، خەۋپى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇۋاتىدۇ.

  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ كېيىن قېلىشى مۇقەررەر ھالدا قالايمىقان ئىشلىتىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالدى بىلەن ساتقۇچىلارنى چەكلەش تەس بولماقتا، تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، «ئالاقە تورى + تېز يەتكۈزۈش»نىڭ سايىسىدا، كۈلدۈرۈش گازىغا ئېرىشىش ناھايىتى ئاسان بولماقتا؛ ئىككىنچىدىن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش تەس بولماقتا، ھازىرقى قانۇن چىقىرىشتا «كىنىشكىلىك كارخانا»نىڭ شەخسكە كۈلدۈرۈش گازى سېتىش ۋە شەخسلەرنىڭ «كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىش» قىلمىشىنى چەكلىگىلى بولمايدۇ، بۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ كۈلدۈرۈش گازىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قىلمىشىنى چەكلەش ياكى جازالاش ھوقۇقى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  كۈلدۈرۈش گازىنى ئەمدى بازاردا خالىغانچە قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ خىل «خۇشاللىق» نامى بىلەن «زەھەرلەش» قىلمىشى سادىر قىلىدىغان بۇيۇمغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار تەتقىقات، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يوچۇقلارنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا توسۇپ، نەزەردىن ساقىت قىلىنغان رايونلارنى تۈگىتىپ، كۈلدۈرۈش گازىنى سېتىشتىن ئىبارەت قارا كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۈزۈپ تاشلاپ، قانۇنغا خىلاپ ساتقۇچىلار ۋە قالايمىقان ئىشلەتكۈچىلەرنى داۋاملىق «كۈلدۈرمەسلىك» لازىم.

  كۈلدۈرۈش گازىنى قالايمىقان سېتىش، ئىشلىتىشنى تۈگەتكەندىلا، «توقلۇقتىن شوقلۇق چىقىش»نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ