مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.06.12 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-فىلىپپىن ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقى بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان قېرىنداشلارچە دوستلۇقنى نامايان قىلدى. سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، فىلىپپىن بىر قاتار كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مەن بۇنىڭدىن خۇشال. فىلىپپىن خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنى بالدۇرراق يېڭىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، فىلىپپىننى داۋاملىق قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارى بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى مەبلەغ، تەجرىبە، ئىشەنچ بىلەن تەمىنلەپ، ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىر مەيدان كرىزىس بولدى، لېكىن بىز كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئىككى تەرەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملاشقان ئەھۋالدا، پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، زۆرۈر خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدا، جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو بىلەن فىلىپپىننىڭ دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى، كەلگۈسى مەنپەئەتىگە تامامەن ئۇيغۇن، تارىخ بۇ نۇقتىنى چوقۇم ئىسپاتلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ