مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خاربىن سانائەت داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2020.06.08 15:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى خاربىن سانائەت داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خاربىن سانائەت داشۆسى شەرقىي شىمالغا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، ئۆزىنى بېغىشلاپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلەتنىڭ زور بىر تۈركۈم مۇھىم قورال-جابدۇقلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلققە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەش ۋە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، قالتىس نەتىجىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «ئىككى يۈز يىللىق» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېرىشىپ، يېڭى ۋە تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  خاربىن سانائەت داشۆسى 1920-يىلى قۇرۇلغان، ھەمدە 1954-يىلى دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئالتە ئالىي مەكتەپنىڭ قاتارىغا كىرگەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ «ئاساسى پۇختا، ئەمەلىيىتى كۈچلۈك ۋە جەريانى كەسكىن بولۇش، ھەمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تەلەپ قىلىش»تىن ئىبارەت ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ