مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، ۋاكسىنا دورىسى ۋە تەكشۈرۈش رېئاكتىپىنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.06.05 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭ گۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى داۋاملىق پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، سودىنى، بازارنى، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، لېكىن يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە قىسمەن جايلاردا يەنىلا شالاڭ، تارقاق ئاغرىق مىساللىرى كۆرۈلدى، پۈتۈن مەملىكەتتە يەنە بىر قىسىم كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بار، يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىش خەۋپ-خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى تېببىي جەھەتتىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلقئارادىكى خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشى كۆپىيىش ئەھۋالىغا ئاساسەن باسقۇچلۇق دائىملىق تەڭشىشى، دەل جايىدا ئەلالاشتۇرۇشى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھازىر، ھەرقايسى جايلار ئوقۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلەتتى، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى ۋە يېتەكچىلىكىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ۋاقىت تۈگۈنلىرىگە قارىتا پۈتۈن جەريان بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ۋە ئالاقىدار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيا خادىملىرى تەييارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ