مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھوشيار بولۇڭ! ناچار ئۇچۇرلار تور دەرسخانىلىرىغا تاجاۋۇز قىلماقتا

2020.06.03 14:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇم ئالاھىدە مەزگىلدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس ئوقۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورغا چىقىش ئادىتىگە ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسەتتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ھازىر مەيلى توردا دەرس ئوقۇش بولسۇن ياكى دەرسخانىدىكى كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش بولسۇن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇھىتى ئومۇميۈزلۈك تورلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇمشاق شەھۋانىيلىق، زوراۋانلىق، ئويۇن، ھەتتا ئالدامچىلىق قاتارلىق ناچار ئۇچۇرلارمۇ تارقىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. مۇتەخەسسىسلەر تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا توردا پاكىز ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك، دەپ قارىدى.

  يۇمشاق شەھۋانىي ئۇچۇرلار دەرسخانىغا كىرمەكتە

  يېقىندا، سەنشى ئۆلكىسى شىنجوۋ شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە، ئوقۇتقۇچى ۋاڭ خۇي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) دەرس سۆزلەشنى باشلىشىغىلا، ئوقۇغۇچىلار تۇيۇقسىز قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ۋاڭ خۇي كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ چۆچۈپ كەتتى، ئېلېكتىرونلۇق ئاق دوسكىنىڭ بىر بۇرجىكىدە كىيىم-كېچەكلىرى ئېچىلىپ قالغان بىر ياش ئايالنىڭ سۈرىتى پەيدا بولغان ئىدى.

  ۋاڭ خۇي ئامالسىز: «دەرسخانىدا كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش تورلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دائىم شەھۋانىي، زوراۋانلىق، ئويۇن ئېلانلىرى سەكرەپ چىقىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن يامان»، دېدى.

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى 5- ئايدا ئېلان قىلغان «2019-يىللىق مەملىكەتلىك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاقە تورىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، %46 قۇرامىغا يەتمىگەن تور ئەھلى تۈرلۈك ناچار ئۇچۇرلارغا يولۇقۇپ باققان. بۇنىڭ ئىچىدە شەھۋانىي، قانلىق زوراۋانلىق قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %20 ئەتراپىدا بولغان.

  پاكىز دەرسخانىنى قانداق قىلغاندا ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟

  نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقۇمدىن ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلار تورغا چىققاندا ئاتا- ئانىلار، مەكتەپلەر بىر قەدەر كۆپ كونترول قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلىرى تورغا ئۇلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تور بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ زىچلاشتى، تېزدىن ئۇلارغا پاكىز ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ كۆچمە ئالاقە تورىغا يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى كۆچمە ئالاقە تورىدىكى كۆزنەكلىك ئېلانلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن. مەسىلەن، قائىدىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يۇمشاق دېتال سودىگەرلىرىدىن قىستۇرۇلىدىغان كۆزنەكلىك ئېلان ئىقتىدارىنى چوقۇم ئېنىق ئەسكەرتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆزى تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا بولىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆزنەكلىك ئېلان سەكرەپ چىقىدىغان قالايمىقان ھادىسىلەرنى تۈزەشتە، قانۇنسىز ئېلانلارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى جىڭشى (تەييۈەن) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى خۇ رۇڭ قاتارلىقلار مۇنداق دەپ قارىدى: سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، تور ئۇچۇر تارمىقى قاتارلىقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي جازالاپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى ئەدلىيە تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم. ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قانۇنغا خىلاپ سەكرىمە كۆزنەكلىك ئېلانلارنى جازالاشنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تور ساپاسىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، ياشلار- ئۆسمۈرلەر ۋە مائارىپ جەمئىيەتشۇناسلىقى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ دى مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار تور دەۋرىدە چوڭ بولماقتا، مەكتەپ، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تور ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھەق-ناھەقنى پەرق ئېتىش، ئۇچۇر پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە تورىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، ناچار ئۇچۇرلارنى ئاڭلىق توسۇشتەك ساغلام روھىي ھالەت ۋە ئادىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ