مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت نەتىجىسى قىلىش كېرەك

2020.06.02 14:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت نەتىجىسى قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا ھوقۇق قارىشى، نەتىجە قارىشى ۋە كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، شۆھرەتپەرەسلىككە قىزىقماسلىقى، قۇرۇق ئىش قىلماسلىق، قۇرۇق نام قوغلاشماسلىق، ئەمەل تۇتۇپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قاتتىق تەلەپ، سەمىمىي ھاۋالە — باشتىن-ئاخىر بىردەك بولغان خەلق ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشى ۋە خەلق قارىشىنىڭ قىممەت ئاساسىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  ئىدىيە بولسا ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسىدۇر. مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش قارىشى «نېمە ئۈچۈن قىلىش، نېمە قىلىش، نېمىنى قالدۇرۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىنكاسىدۇر. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشى «قوزغاتقۇچ» بولۇپ، قانداق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشى بار بولسا، شۇنداق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەرىكىتى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئىجابىي ۋە سەلبىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەگە كىرىش ۋە خىزمەتكە كىرىشنىڭ دەسلىپىدىلا مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش قارىشىنى توغرىلاش بولسا، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ياخشى باسقانغا باراۋەر، شۇنداق قىلغاندىلا، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا ماڭغىلى بولىدۇ؛ ئەگەر كەسپىي ھاياتىنى باشلىغاندىلا مەقسىتى بۇلغىنىپ، قارىشى دۇرۇس بولمىسا، ھەمدە ئىدىيە جەھەتتىكى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتمىسە، كېيىنكى يولدا قاچان يېقىلىپ چۈشىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

  توغرا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشى دېگەن نېمە؟ ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئۇ، پۇقرالار ئۈچۈن ياخشى ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، قولىدىكى ھوقۇق ۋە ئىش ئورنىنى پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن، ئۇ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنى پەقەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشكىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۆھپە قوشۇش ۋە قۇربان بېرىش، جاپاغا چىدايدىغان بولۇش، كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىش ۋە بەدەل تۆلەش، ئازراق ئاغرىنىش، قۇرۇق سۆلەتۋازلىق ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتكە قىزىقماسلىق كېرەك. ئەگەر سىزدە توغرا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشى بولمىسا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىشىكىگە كىرمەڭ. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك-دىيانەتلىك بولۇشتەك سىياسىي ئىنتىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تولۇق ئىدىيىۋى تەييارلىق قىلغاندىلا، ئاندىن ئېزىقتۇرۇشنى توسۇپ قالغىلى، غېرىبلىققا بەرداشلىق بەرگىلى، ساپلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

  بەزىلەر ئاتالمىش خۇسۇسىي ئىستىقبال ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى تاللايدۇ، كۆز قاراشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىلا تۆۋەن بولغانلىقتىن، كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى چوڭ بولمايدۇ، خىزمەت ھېسسىياتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، ئۇنداقلاردا مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ روشەن ھالدا يېتەرسىز بولىدۇ. رېئاللىقتىن قارىغاندا، «شەخسىي قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»نى ھەددىدىن زىيادە قوغلىشىدىغان كىشىلەر دائىم ئۆزىنى ئۆزى پىلانلاپ، تەشكىلنىڭ ئېھتىياجىغا توغرا مۇئامىلە قىلالمايدۇ، ئۇنى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇدۇللاشتۇرغىلى بولمايدۇ؛ «خىزمىتى مۇقىم، تەمىناتى بىر قەدەر ياخشى بولۇش»نى ھەددىدىن زىيادە قوغلىشىدىغان كىشىلەر، كۆپ ھاللاردا ھازىرقى ئەھۋالدىن قانائەتلىنىپ، نام-مەنپەئەتكىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەتتا شۆھرەتپەرەسلىك قىلىدۇ، بۇ ئوخشاشلا شەخسنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى نامايان قىلىشقا پايدىسىز.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاساسى بولسا خەلقتە، جان تومۇرىمۇ خەلقتە. خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئېتىقادى تىكلەنگەن ھامان، ئۇ خىل ئېتىقاد ئادەمنى نىشانى ئېنىق قىلىدۇ، روھلاندۇرىدۇ، غەيرىتىنى ئۇرغۇتىدۇ، مەيلى جاپا-مۇشەققەت ياكى ئوڭۇشسىزلىق بولسۇن، مەيلى قۇرۇق نام ياكى ئەمەلىي پايدا-مەنپەئەت بولسۇن، ئۇ خىل ئېتىقاد بولسىلا، كىشىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. توغرا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، مانا بۇ ھېچقانداق نەتىجە ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىغان نەتىجىدۇر، ھېچقانداق قىيىنچىلىق ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ