مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خۇ مېييىڭ كىنىشكىنى ئاددىي بېجىرىشنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن باشلاش تەكلىپى بەردى

2020.05.27 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئۇچۇر سۇپىسىنى ئاساس قىلىپ، تۇغۇت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىلەرنى تۇغۇتقا ياردەم بېرىش ئاپپاراتلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ بېجىرىش كېرەك». ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جياڭشى ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇ مېييىڭ كىنىشكىنى ئاددىي بېجىرىشنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىن باشلاش تەكلىپىنى ئېلىپ كېلىپ، ۋەكىللەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  دوختۇرخانا ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان خۇ مېييىڭ كۈندىلىك خىزمەت جەريانىدا دائىم يېڭىدىن بالىلىق بولغان ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇنداق بىر ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئاز دېگەندە تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى، نوپۇس تىزىملاش كىنىشكىسىدىن ئىبارەت تۆت كىنىشكىنى بېجىرىش كېرەك، ئائىلە تاۋابىئاتلار نۇرغۇن تارماقلارغا بېرىپ، نۇرغۇن جەدۋەللەرنى تولدۇرىدۇ، ھەر خىل ماتېرىياللارنى تەكرار تاپشۇرىدۇ...

  خۇ مېييىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن بۇ تەكلىپنى تاپشۇرۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتى، مەھەللە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نوپۇسىنى تىزىملاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى تىزىملاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق كودى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىملىكى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى قاتارلىق كىنىشكا ۋە ئىشلارنى بېجىرىشتە، تۇغۇتقا ياردەم بېرىش ئورگانلىرىدا بىر تۇتاش بېجىرىش، كۆپ تارماقلارنىڭ بىر قېتىمدىلا بىرلىشىپ بېجىرىشىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ بىرلىشىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى بىر قىسىم جايلاردا يولغا قويۇلدى. بەزى ئۆلكىلەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن كۆپ كىنىشكىنى بىرلىشىپ بېجىرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش، تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتىنى بېجىرىش، نوپۇس تىزىملاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش قاتارلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى باش بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تارماقلار ھەمكارلىشىپ، دوختۇرخانا ياكى مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىدە بىر قېتىمدىلا بېجىرىدۇ.

  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا كىنىشكا بېجىرىپ بېرىشتە، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ كىنىشكىسىنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. توردا ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى «گەنفۇتۇڭ» سىستېمىسىغا كىرىپ، سالاھىيەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن توردا كىملىك، توي خېتى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىلارنى ئالالايدۇ.

  شۇڭا، خۇ مېييىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالاقىدار تارماقلار ئاممىنىڭ بېجىرىپ بولغان كىنىشكا ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا ياساپ، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا بىر تۇتاش ئۇلىسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا ئىشلىتىش ئورۇنلىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، ئاممىنى بىر يان تېلېفونغا تايىنىپلا ئىسپات بېرىش ۋە ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا بولىدۇ.

  خۇ مېييىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىنكى كىنىشكا بېجىرىش، كىنىشكا ئىشلىتىشتىكى توسالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا ئارقىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بىرىكتۈرۈش ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تېخىمۇ مۇھىمدۇر. ئۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا ۋە ئىشلارنى بېجىرىشتىن باشلاپ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر توردا ھەممىنى بېجىرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ