خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا، يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تۈزۈلگەن نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شۈ شاۋشى بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2019- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقتى.
يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شى ياۋبىننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2019- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2020- يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقتى.
يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېيزونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا، لى فېيزونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قارار لايىھىسىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.
يىغىن يۇقىرىقى قارار لايىھەسى، دوكلاتلار، لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىقلارنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 2- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى