مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ قېتىرقىنىپ بىلىم ئۆگىنىپ، غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قەيسەر ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ساغلام بەدەن يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈر-بالىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

2020.06.01 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈر-بالىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، ئۆسمۈر-بالىلارمۇ بىر ئالاھىدە مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغ ھەرىكىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاپ، ئېلىمىز ئۆسمۈر-بالىلىرىنىڭ ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆسمۈرلەر كۈچەيسە دۆلەت كۈچىيىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردىكى جۇڭگو ئۆسمۈر-بالىلىرى بولسا، ھەم بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى باشتىن ئۆتكۈزگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىلاردۇر، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىدۇر. مەن ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ قېتىرقىنىپ بىلىم ئۆگىنىپ، غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قەيسەر ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ساغلام بەدەن يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەمدە پۈتكۈل جەمئىيەت ئۆسمۈر-بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆسمۈر-بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ زور ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان دەۋرنىڭ يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆسمۈر-بالىلار ئىشلىرىغا يېڭى ۋە تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ