خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3-قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.
يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئاممىۋى سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئورتاق قوغداش ئۈچۈن، مۇخبىرلار يىغىنى توردا سىن شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى نەق مەيداندا بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، شىنخۇا تورى نەق مەيداندا سۈرەت ۋە يېزىق شەكلىدە بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ