مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: مەركەزنىڭ شياڭگاڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى تۆۋەن چاغلاشقا ھەرگىز بولمايدۇ

2020.05.25 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  22-ماي چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)» توغرىسىدا ئىزاھات بېرىپ، كۆپ قېتىم ۋەكىللەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ۋاقىتتا تەشەببۇسكار بولۇشى ناھايىتى زۆرۈر ھەم كىشىلەر قەلبىگە ياقىدىغان بولۇپ، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

  شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 23 يىلدىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتى شياڭگاڭدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر، يېڭى خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. 2019- يىلى شياڭگاڭدا «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋەقەسى» يۈز بەردى، جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ، شياڭگاڭنى مالىمان قىلغۇچى كۈچلەر تەلۋىلەرچە ئىش قىلىپ، جۇڭگوغا قارشى تاشقى كۈچلەرنىڭ قارا قوللىرى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئېغىر خىرىس قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشقا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالدى، بۇنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش، توسۇش ۋە جازالاش كېرەك. زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قوغداپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ «مۇداپىئەسىز» شەھەرگە ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش — شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشنىڭ رېئال ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئىچكى لوگىكىسى.

  بۇ خىزمەت شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. تەسىرگە ئۇچرايدىغىنى پەقەتلا جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىمان قىلغۇچى ئۇنسۇرلار ۋە جۇڭگوغا قارشى تاشقى كۈچلەردۇر. كىشىلەر ئۇلارنىڭ قورققىنىدىن قارىلاشقا باشلىغانلىقىنى، رەزىل پىلانلىرى قالايمىقانلىشىپ كەتكەچكە يەنە غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى، يەنە بىر قېتىم قاتناشنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپ، شياڭگاڭ بىلەن «تەڭ ھالەك بولۇش» ھەققىدە جار سالغانلىقىنى كۆردى. بۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش، شۇنداقلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ جان يېرىگە تەگكۈزىدىغان مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىمان قىلغۇچى كۈچلەر ۋە جۇڭگوغا قارشى تاشقى كۈچلەر چوقۇم چۈشىنىشى كېرەككى، ئىلگىرى قىلغان سۇيىقەستلەر ئەمەلگە ئاشمىدى، ھازىرقى جان تالىشىشىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. كەلگۈسىدىمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ.

  دۆلەت خەۋپسىزلىكى بولمىسا، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ شياڭگاڭ مۇقىم بولمىسا، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى نەدىن كېلىدۇ؟ «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىنى يوقاتماي، جۇڭگوغا قارشى تاشقى كۈچلەرنى قوغلىۋەتمەي تۇرۇپ، شياڭگاڭ قانداقمۇ خاتىرجەم بولسۇن؟ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قانۇن-تۈزۈم تەرتىپى ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە شياڭگاڭغا كۈچەيتىلگەن «ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى»نى ئورنىتىش ئارقىلىق، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى پۇختا يولغا قويۇشنىڭ تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  شۇنى كۆرەلەيمىزكى، شياڭگاڭدىكى جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىمان قىلغۇچى كۈچلەر چوقۇم ئادەتلەنگەن پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، بوھتان چاپلاش ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ، ۋەھىمىلىك سۆزلەر بىلەن چۆچۈتۈپ، خەلقئارا جامائەت پىكرىنى ئازدۇرۇپ، جۇڭگوغا قارشى تاشقى كۈچلەرنىڭ تېزدىن قۇتقۇزۇشىنى ئۆتۈنىدۇ. بىز يەنە مۇنۇلارنى كۆرەلەيمىزكى، بەزى چەت ئەل ۋە چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر يەنە يۇقىرى-تۆۋەن سەكرەپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئاشكارا ئارىلىشىدۇ، شياڭگاڭدىكى جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىمان قىلغۇچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، شياڭگاڭدىكى جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىمان قىلغۇچى كۈچلەرگە مەدەت بېرىپ، مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شياڭگاڭدىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

  لېكىن شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى. دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىنىدا دۆلەتنى پارچىلاش قاتارلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويمايدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىدىكى يوچۇقلارنى توسۇشى پۈتۈنلەي ئەقىلگە مۇۋاپىق، قانۇنلۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مۇشۇنداق زور بىر قارار چىقىرىشتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چوقۇم ئەتراپلىق ئويلىنىدۇ ۋە تولۇق تەييارلىق كۆرىدۇ. بۇنىڭدىن گۇمانلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.

  جۇڭگوغا قارشى تۇرۇپ شياڭگاڭنى مالىمان قىلىدىغان ھەرقانداق كۈچلەرگە شۇنى ئاگاھلاندۇرۇش زۆرۈركى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى ھەرگىز تۆۋەن چاغلىماسلىق كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ