لى كېچياڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاش كېرەك

2020.05.24 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. لۇ شىنشې، چېن ۋۇ، پېڭ شىخۇا قاتارلىق ۋەكىللەر «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇش، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى ئۆتىڭى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ بەس-بەستە سۆز قىلدى. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر مۇزاكىرىلەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گۇاڭشى پۈتۈن مەملىكەتكە ئوخشاش چىگىش-مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى-سىرتى مۇھىتى ۋە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئالدىدا، ھەر مىللەت خەلق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى؛ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلىتىمىز تەرەققىياتى مىسلىسىز قىيىنچىلىق، خىرىسقا دۇچ كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى بېجىرىشكە قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ زەربىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى، ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان يېڭى يولدا مېڭىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىنى ساقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بۇ يىللىق مالىيە قىزىل رەقىمى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە زايومى تارقىتىش قاتارلىق مالىيە مەبلىغىنى ئاشۇرۇپ، ھەممىسىنى شەھەر، ناھىيەلەردىكى ئاساسىي قاتلامغا ئىشلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەدەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم بازار سۇبيېكتىنى ساقلاش كېرەك. كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقلىرىنى يېنىكلىتىش سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆپ جەلپ قىلالايدىغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش-يۆلەش كېرەك. ئۇششاق تىجارەتچى، يايمىچى، كىچىك دۇكانچى قاتارلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى قوللاپ، نۇرغۇن مىكرو ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق چوڭ خەلق تۇرمۇشىغا تىرەك بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ