13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

شى جىنپىڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، لى كېچياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.05.23 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يىغىندا، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن-تۈزۈملىرى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  5- ئاينىڭ 22- كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ۋە ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  5- ئاينىڭ 22- كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  «خەلق گېزىتى» مۇخبىرى لېي شېڭ فوتوسى

  5- ئاينىڭ 22- كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  «خەلق گېزىتى» مۇخبىرى لېي شېڭ فوتوسى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى زېممىسىگە ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇندا بېرىلگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئەستايدىل ئادا قىلدى.

  خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالى ھەيۋەتلىك كەيپىياتقا تولغان ئىدى، رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئېسىقلىق تۇرىۋاتقان دۆلەت گېربى قىزىل بايراق ئاستىدا چاقناپ تۇراتتى.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسىلىرى ۋە ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۇەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيماچىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىكى ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2956 ئىدى. 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا 2897 ۋەكىل قاتناشتى، 59 ۋەكىل قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن بولدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلدى دەپ جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدىكى ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

  لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن ۋە تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان توساتتىن يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسىدۇر. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى كەسكىن كۈرەشتە، بىر تۈركۈم تېببىي خادىملار، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، نۇرغۇن بىمارلار بەختكە قارشى قازا قىلدى. بىز قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە ۋاپات بولغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز.

  ئارقىدىن، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق خادىملار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.

  يىغىننىڭ قارالمىسىغا ئاساسەن، لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي سەككىز قىسىمغا بۆلۈندى: بىرىنچىسى، 2019-يىلقى ۋە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش؛ ئىككىنچىسى، بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى ۋە كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئۈچىنچىسى، ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنى تېرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ تۆتىنچىسى، ئىسلاھاتقا تايىنىپ بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش؛ بەشىنچىسى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا تېزدىن بۇرۇلۇش ياسىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئالتىنچىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يەتتىنچىسى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى سودا ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش؛ سەككىزىنچىسى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئىشلار ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ