مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2020.05.22 15:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، گۈللىنىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە تەڭ مەسلىھەتلىشەيلى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇش، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىشقا تەشكىللەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچلەر مۇجەسسەملىنىدۇ.

  يىغىن ئېچىلىۋاتقاندا، خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك زالىدا چىراغلار چاقناپ، پۈتكۈل زال ھەيۋەتلىك كەيپىياتقا تولغان ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىغا ئېسىلغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى چاقناپ تۇراتتى، ئىككى تەرىپىگە قىپقىزىل ئون بايراق تىزىلغان ئىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېلىلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خۇخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ۋاڭ جېڭۋېي، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتۇر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2151، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2057 بولۇپ، بۇ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە، جاڭ چىڭلى يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3- يىغىنىڭ قارالمىسى قاراپ چېقىلىپ ماقۇللاندى.

  ۋاڭ ياڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2019-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسى، تۈپ تەلىپى ۋە كۈچەش نۇقتىلىرىنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ۋاڭ ياڭ خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمىتىنى تۆت مۇھىم نۇقتىغا يىغىچاقلاپ، تۆت تەرەپتىن يەكۈنلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى ھەمدە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى تەڭكەش يوسۇندا ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى جەزمەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك فۇنكسىيەلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتى. يېقىنقى مەزگىلدىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، خەلق سىياسىي كېڭىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى قاتناشقان ئورۇنلار ۋە ئەزالارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۆرۈشىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ