مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى ئوبزورى: تويلىشىش قانۇنىنىڭ ئۆزگىرىشى دۆلەت ھېسسىياتىغا گۇۋاھ بولدى

2020.05.20 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۇ يىل «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تويلىشىش قانۇنى» رەسمىي ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. يېقىندا جايلار بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، 70 يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ تويلىشىش، ئائىلە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، كەڭ ئاممىنىڭ بەختلىك توي، بەختلىك ئائىلىگە ئىنتىلىشتەك تارىخىي كۆرۈنۈشلەرنى نامايان قىلدى. تويلىشىش ھېكايىلىرى، ئائىلە كۆرۈنۈشلىرى دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  تويلىشىش شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي، ئىناق بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. 70 يىل ئىلگىرى، يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى قانۇن — «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تويلىشىش قانۇنى» تويلىشىش ئەركىنلىكى، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇشتەك يېڭىچە تويلىشىش- ئائىلە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەر-ئايال باراۋەر بولۇش، ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنى سۆيۈش، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈشتەك تويلىشىش- ئائىلە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنى بەلگە قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى كونا دەۋردىكى تويلىشىش تۈزۈمىنىڭ ئاسارىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ، سوتسىيالىستىك تويلىشىش- ئائىلە تۈزۈمىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. 70 يىلدىن بۇيان، تويلىشىش قانۇنى رامكىسى ئاستىدا ئېلىمىزنىڭ تويلىشىش، ئائىلە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تويلىشىش تۇرمۇشى قوغدالدى، سانسىزلىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇھەببىتى ۋە ئەسلىمىلىرى مۇجەسسەملىنىپ، بۈگۈنگە قەدەر ئېقىپ كېلىۋاتقان ئىللىق دەريا بولۇپ شەكىللەندى.

  تويلىشىش ___ ئائىلىنىڭ دەۋر كەسمە يۈزى، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ كۆپ قىرلىق پىرىزمىسىنىڭ مۇھىم تەرىپىدۇر. ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەر، ئائىلىلەر دەۋر دولقۇنى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە قىممەت قارىشىنىڭ دەۋر ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 1980-يىلى ۋە 2001-يىلى دۆلىتىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تويلىشىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە تۈزىتىپ، ئەر-خوتۇن پۈتۈشكەن مال-مۈلۈك تۈزۈمى، ئىناۋەتسىز تويلىشىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى كۆپەيتتى. ئائىلە زوراۋانلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، تاشلىۋېتىلگەن ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتىلغان قۇتقۇزۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، باراۋەر، مەدەنىي تويلىشىش، ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ۋە قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى. پات ئارىدا يولغا قويۇلىدىغان ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى دۆلىتىمىزنىڭ تويلىشىش، ئائىلە تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ تويلىشىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. ئالاقىدار قانۇن- تۈزۈملەرنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، پۇقرالارنىڭ تويلىشىش ھەرىكىتى تېخىمۇ قېلىپلاشتى، تەرتىپلىك بولدى، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىغا ئۇيغۇنلاشتى.

  «ئائىلە — ئەڭ كىچىك دۆلەت، دۆلەت — مىليونلىغان ئائىلە». بىز بۈگۈن تويلىشىش ۋە ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلىمىز، بۇنىڭدا كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز دەل جەمئىيەت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ساغلاملىقى، جەمئىيەت ئورگانىزمىنىڭ راۋان بولۇشى، كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز تويلىشىش، ئائىلە كۆرۈش بۇلۇڭى ئاستىدىكى ئائىلە-دۆلەت مۇناسىۋىتىدۇر. مەيلى يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش چوڭ ماقالىسىنى يازايلى ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىنى قوغلىشايلى باش رولچىلىرىنىڭ ھەممىسى دەل ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىر ئائىلىدۇر. 70 يىلدىن بۇيان «ئۈچ چوڭ تويلۇق»، «ئۈچ ئايلىنىش، بىر سايراش»تىن ھازىر كۆپ ئۇچرايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغىچە جۇڭگولۇقلارنىڭ «توي مۇراسىمى ئۆلچەملىك سەپلىمىسى» دەۋرنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى سۈرەتلەپ بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، خۇشاللىنارلىق ئىشلارنى يېڭىدىن يولغا قويۇشتەك مەدەنىي يېڭى ئىستىل شەكىللەنمەكتە، تېخىمۇ كۆپ ياشلار توي مۇراسىمىدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا، توغرا تويلىشىش قارىشى ۋە ئائىلە ئەخلاقى بارغانسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تويلىشىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىپ، ھەر بىر ئىجتىمائىي ھۈجەيرىنىڭ ساغلام، بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتماقتا.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «مەيلى دەۋر قانداق ئۆزگەرسۇن، مەيلى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت قانداق تەرەققىي قىلسۇن بىر جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېچقانداق نەرسە ئائىلىنىڭ تۇرمۇش تايانچلىق ئورنىنى باسالمايدۇ، ئائىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىدارىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، ئائىلىنىڭ مەدەنىيلىك رولىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ»، دەپ تەكىتلىگەن. دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئائىلە بەختلىك بولغاندىلا، جەمئىيەت ئىناق بولىدۇ. مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئائىلىلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ، ئەر- خوتۇنلار ئىناق ئۆتۈپ، يۇقىرىغا ئىنتىلىپ، ياخشىلىققا ئىنتىلگەندىلا، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ