مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەككە تىجارەتچىلەر «چوڭ سوۋغات»قا ئېرىشتى

ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئۈچ ئايلىق ئۆي ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2020.05.18 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق سەككىز تارماق يېقىندا بىرلىكتە «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىدىكى كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئۆي ئىجارە ھەققى بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە يەنىمۇ ياردەم قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى. شۇ ئارقىلىق، يەككە تىجارەتچىلەرنى ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە باجنى كېمەيتىشتىن ئىبارەت بۇ «چوڭ سوۋغات»قا ئېرىشتۈردى.

  «يېتەكچى پىكىر»مۇ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ روھىنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. 4- ئاينىڭ 21- كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئالغان مۇلازىمەت كەسپىدىكى كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئۈچ ئايلىق ئۆي ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. دۆلەت كارخانىلىرى، بولۇپمۇ مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر، تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار باشلامچى بولۇشى كېرەك.

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئېلىپ تىجارەتكە ئىشلەتكەن، ھەمدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن مۇلازىمەت كەسپىدىكى كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئۈچ ئايلىق ئۆي ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئۆيلەرنى ئىجارىگە بېرىشكە ئالاقىدار سۇبيېكتلارنى باراۋەر كېڭىشىش ئاساسىدا يۇقۇم ئەھۋالى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  «يېتەكچى پىكىر»دە يەنە مالىيە-باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئۆي ئىجارە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. مەسىلەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تۈرلۈك مالىيە مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئالغان كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە مۇۋاپىق ياردەم بېرىشى كېرەك. ئىجارە ھەققى كېمەيتىلگەن ياكى كەچۈرۈم قىلىنغان ئىجارە بەرگۈچىلەرنىڭ شۇ يىللىق ئۆي-مۈلۈك بېجى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى يەر ئىشلىتىش بېجى قاتارلىقلار ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.

  ليۇ شىڭگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان كارخانىلاردىن كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا–سانائەتچىلەرگە ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار تەمىناتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ