مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ بىلىملەرنى ئەستە چىڭ ساقلاڭ، ھالقىلىق پەيتتە جېنىڭىزنى قۇتقۇزالايدۇ!

2020.05.12 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  5-ئاينىڭ 12-كۈنى 12-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش كۈنى، بۇ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش كۈنىنىڭ باش تېمىسى «ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى خەلق مۇداپىئە سېپىنى پۇختىلاش» بولدى.

  ئاپەت بىزدىن ئانچە يىراق ئەمەس، ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش، تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ھەر ۋاقىت يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگەنسەك ھاياتلىق كاپالىتىمىزمۇ كۆپىيىدۇ.

  ئوت ئاپىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

  ئاممىۋى سورۇندا:

  119 قا تېلېفون قىلىپ مەلۇم قىلىش، تارقاقلاشتۇرۇش كۆرسەتمە بەلگىسى بويىچە تەرتىپلىك قېچىپ چىقىش، لىفىتقا ئولتۇرۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. قويۇق ئىس-تۈتەكتىن ئۆتكەندە ھۆل لۆڭگە بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى ئېتىۋېلىپ، بەدەننى ئىمكانقەدەر يەر يۈزى ۋە تام تۈۋىگە چاپلاپ، بەلنى ئېگىش ياكى يەر بېغىرلاپ ئىلگىرىلەش كېرەك. قېچىپ كېتەلمىگەندە بالكون ياكى ئۆگزە قاتارلىق بىخەتەر رايونلارغا چېكىنىپ، قۇتقۇزۇش سىگنالى بېرىپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش كېرەك.

  ئېگىز بىنادا:

  ئاستىنقى قەۋەتتىكى پەلەمپەيدىن قويۇق ئىس-تۈتەك چىقىپ كەتكەن ياكى ئوتتا توسۇلۇپ قالغاندا، مەجبۇرىي ھالدا تۆۋەنگە قاچماسلىق كېرەك. بالكون، ئۆگزە قاتارلىق جايلاردا قۇتقۇزۇشنى كۈتۈشكە بولىدۇ. ئوت يالقۇنى ياكى ئىستىن ساقلىنىمەن دەپ كارىۋاتنىڭ ئاستىغا، كىيىم ئىشكاپىغا، بالىخانىغا كىرىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر تۇرالغۇ ئۆيىڭىز بىنانىڭ ئۆگزىسىگە يېقىن بولسا، ئۇدۇل ئۆگزىگە چىقىپ، قۇتقۇزۇش سىگنالى بەرسىڭىز بولىدۇ.

  ئورمان، ئوتلاقلاردا:

  12119 ئورمانلىق ئوت ئاپىتى سىگنالىغا تېلېفون قىلىپ مەلۇم قىلىش، شامال يۆنىلىشىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش لازىم، يۆنىلىشنى خالىغانچە تاللاشقا، قارىغۇلارچە قېچىشقا بولمايدۇ. ئوت ئاپىتىدە قاپسىلىپ قالغاندا، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر شالاڭ بوش جاينى تاللاپ، ئويمان ياكى ئازگال، ئۆڭكۈر قاتارلىق ئىس-تۈتەك ئاسان چۆكىدىغان جايلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. ئۇچىسىدىكى كىيىمنى ھۆل قىلغاندا، ئۆزىگە بىر قەۋەت قوغداش قەۋىتى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  يەر تەۋرەشكە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

  ئۆيدە:

  يېقىن ئەتراپتا يوشۇرۇنۇش، مەزمۇت، ئاسان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدىغان، بەدەننى قوغدىيالايدىغان جىسىمنىڭ ئاستىغا ياكى جىسىمنىڭ يېنىغا مۆكۈش لازىم. دۈم يېتىپ، ئېغىرلىق مەركىزىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، يۈزنى تۆۋەنگە قارىتىش، لېكىن ئېغىز-بۇرۇننى بېسىۋالماسلىق لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېنىدىكى مۇستەھكەم جىسىمنى تۇتۇۋېلىش كېرەك، زوڭزىيىش ياكى ئولتۇرۇش، ئامال بار بەدىنىنى يۆگىۋېلىش كېرەك. دېرىزە، ئەينەك، ئوچاق، گاز تۇرۇبىسى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. باشنى تۆۋەن ئېگىش، قول بىلەن باش ۋە ئارقا بويۇننى قوغداش ياكى يوتقان ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن باش قىسمىنى قوغداش كېرەك.

  سىرتتا:

  ئۆتۈشمە كۆۋرۈك، يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى، يول چىرىغى، ئېلان تاختىسى، تۇرخۇن، سۇ مۇنارى قاتارلىقلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

  خارابىلىكتە قاپسىلىپ قالغاندا:

  ئۆزىنى بېسىۋېلىش، جىسمانىي كۈچىنى ساقلاش لازىم. ئامال بار يۈز ۋە مەيدىسىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى يۆتكەپ، ئېغىز-بۇرۇن ئەتراپىدىكى توپىنى تازىلاپ، نەپەسنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش كېرەك. ئامال قىلىپ بەدەننىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى مۇستەھكەم بولمىغان خەتەرلىك نەرسىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خىش-تاش، تاياق-توقماق قاتارلىقلار بىلەن خارابىلىكنى تىرەپ تۇرۇش كېرەك. شەپىگە دىققەت قىلىش، جىسىمنى ئۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرىش لازىم.

  چاقماق سوقۇشقا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

  سىرتتا:

  دەرەخ ئاستىدا، بولۇپمۇ كەڭ مۇھىتتىكى دەرەخ ئاستىدا يامغۇردىن دالدىلانماسلىق كېرەك. كوچىدا پىيادە ماڭغاندا تۇيۇقسىز چاقماق چېقىپ قالسا، تۆمۈركۆۋرۈك، ئېگىز تۇرخۇنلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك. ۋېلىسىپىت مىنگەندە بولسا، چاقماقنى جەلپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دەرھال ۋېلىسىپىتتىن چۈشۈپ، ۋېلىسىپىتنى قويۇپ قويۇش كېرەك.

  ئۆيدە:

  توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش، لامپۇچكا ۋە باشقا ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئەڭ ياخشىسى ئىشلىتىشتىن توختىتىش لازىم، تېلېفون ئۇرماسلىق كېرەك.

  تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشكە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

  تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئالدىدىكى شەپە:

  يانتۇلۇقتا روشەن يېرىق بار بولۇپ، يېقىندا يېرىق ئۇزىراش، كېڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يانتۇلۇقتىكى ئۆيلەر يېرىلىپ، قىيسىيىپ قالىدۇ. يانتۇلۇق ئاستىدا توپا چىقىپ كېتىش، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش كۆپ يۈز بېرىدۇ. قۇدۇق سۈيى، بۇلاق سۈيىنىڭ سۇ ئورنىدا تۇيۇقسىز كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەردە بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

  تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش يۈز بەرگەندىن كېيىن:

  بېشىڭىزنى ياخشى قوغداپ، گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن جاينىڭ ئىككى تەرىپىگە قاراپ قېچىڭ، ھەرگىز دومىلىما تاش يۆنىلىشىنى بويلاپ تاغ باغرىغا قاراپ يۈگۈرمەڭ. ئويمان جايدا توختاپ قالماڭ. ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا ئالاقزادە بولماڭ، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈڭ، مەسىلەن، تاغ پۈتۈن گەۋدە بويىچە سىيرىلىپ كەتكەندە، ئۆز ئورنىدا مىدىرلىماي تۇرۇش ياكى چوڭ دەرەخنى قۇچاقلىۋېلىش قاتارلىقلار.

  قارا يامغۇرغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

  قارا يامغۇر يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن:

  قارا يامغۇر كېلىشتىن بۇرۇن ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئالدىن ئېتىۋېتىپ، يامغۇر سۈيىنىڭ ئۆيگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر سۇ كىرىپ كەتسە، دەرھال توك مەنبەسى، كۆمۈر گازى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئېتىۋېتىش كېرەك. ئۆي سىرتىدىكى ئويمان يەردىكى خەتەر بار توك مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش لازىم.

  قارا يامغۇر يېتىپ كەلگەندىن كېيىن:

  يەر ئاستى يولىدىن ماڭماڭ. ئېقىن سۇدا ماڭماڭ، 15 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ ئادەمنى يىقىتىۋېتەلەيدۇ. قارا يامغۇردا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تۇمان چىرىغىنى ياندۇرۇپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يۈرۈش كېرەك، تاغ كەلكۈنىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، سۇ يىغىلىپ قالغان ياكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن يول بۆلەكلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ