مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلىدىغان دوكلاتقا بولغان پىكىر-تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، خەن جېڭ قاتناشتى

2020.05.12 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»غا بولغان پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا پىكىر- تەكلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلىشى، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. كۆپچىلىكنىڭ كەڭ-كۇشادە سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  پىكىر بايان قىلغان كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇلتۇر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىچكى- تاشقى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى بىر قەدەر ياخشى تاماملىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇم ئەھۋالى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى بىر قەدەر ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ ئىنتايىن ئاسان ئەمەس. كۆپچىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ