مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامرات رايونلارنىڭ 479 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىشىلىغا ياردەم بېرىلدى _ _ _

شىنجاڭدا ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بىلەن نامراتلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى

2020.04.28 17:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى ئۇقادى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجىسى خې خۇڭشىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىكى پىچەكگۈللەرنى رەتلەپ، ئۇ مەھسۇلاتلارنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىگە ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولدى.

  كەنتتىكى نامرات ئاھالە مەتتۇردى ئابلىز بۇلتۇر 13 مو يەرگە پىچەكگۈل تېرىغان ئىدى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئەتراپتىكى باشقىلارمۇ پىچەكگۈل تېرىپ، پىچەكگۈللەرنىڭ تېرىش كۆلىمى كېڭىيىپ كېتىپ، پىچەكگۈلنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ، سېتىلماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن مەتتۇردى ئۇ پىچەكگۈللەرنى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلاشقا مەجبۇر بولدى. مەتتۇردى بۇنىڭدىن غەم قىلىۋاتقاندا، خې خۇڭشىڭ ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ يول كۆرسىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى.

  بىز بۇ ئىشنى شىركەتكە دوكلات قىلغاندىن كېيىن، شىركەت شىنجاڭدىكى بارلىق قاراشلىق شىركەتلەرنىڭ كەنتتىن بىۋاستە پىچەكگۈل سېتىۋېلىشىنى قارار قىلدى. خې خۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر كەنتتىكى پىچەكگۈللەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق شىركەت سېتىۋالغان ئىدى. بۇ يىل دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيىسى چەكلىك شىركىتى نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەتنىڭ چىرا ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق تارمىقى شۇ ناھىيەدىكى 12 كەنتتە 20 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى پىلانلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئىستىمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستىمال قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىر تۈركۈم ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى بازارغا يۈزلەندۈردى.

  شىنجاڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1- پەسىلدە، شىنجاڭدا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە نامرات رايونلارنىڭ 326 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا سەپەرۋەر قىلىنىپ، نامرات رايونلارنىڭ 479 مىليون يۈەنلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا ياردەم بەردى. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى نەتىجىسىدە، نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 29 مىليون 410 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا ياردەم قىلىشتىكى سېتىش سوممىسى 176 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىش بولسا، «نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتى» بىلەن «ئىستېمال بازىرى»نى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن بېكىتىلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشىغا ئائىت بۇ سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش، ئاپتونوم رايون ئىچىدە ھەمكارلىشىپ يۆلەش ۋە ئىجتىمائىي نامراتلارنى يۆلەش سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ ھەمدە ئالاقىدار رايون ۋە ئورۇنلارغا تونۇشتۇرۇلىدۇ. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىشنىڭ ئىككى تۈركۈملۈك خىزمىتىنى تاماملىدى. بۇ، 12 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)دىكى 46 ناھىيە (شەھەر، رايون)گە چېتىلىدۇ، يەنە نامراتلارنى يېتەكلەشكە تۈرتكە بولىدىغان ۋە نامراتلارغا پايدىسى بار 199 كارخانىنى ۋە نامراتلارنى يۆلەشتىكى 735 تۈرلۈك مەھسۇلاتنى بېكىتتى، مەھسۇلات قىممىتى 7 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى. كېيىنكى مەزگىلدە يەنە ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرى بىلەن بازار ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ ھەر بىرىدە جۇغراپىيەلىك بەلگىدىن بارلىققا كەلگەن تاۋار ماركىسىدىن ئاز دېگەندە بىردىن كۆپەيتىلىدۇ.

  نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىش ۋە سېتىشتىن باشقا يەنە، جايلارنىڭ ئۆزىمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاغنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىن تۈزلەڭلىككە چىقىرىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، شۇنىڭ بىلەن، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىۋاستە مال يەتكۈزۈش ئۇسۇلى مودا بولماقتا.

  12- ئاپرېل، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى مامۇت ئۆمەرجان 100 نەچچە مو يەردىكى يېڭى چىققان يۇمران بىخلىق چىلان ئورمانلىقىدا تۇرۇپ، قاراقاشنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدىغان قۇرۇق مېۋىلىرىگە ۋاكالىتەن سۆزلەپ، ئۇنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارغا قىزغىن تونۇشتۇردى. قۇملۇقنىڭ كىندىكىدىن كەلگەن قۇرۇق مېۋىلەر يەنە بىر قېتىم سودىگەرلەر ۋە تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سىندىكى ئىككى سائەتلىك بىۋاستە كۆرسىتىش ۋاقتى ئارقىلىق، تاۋار سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىدىن 12 مىڭ سودىگەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 400 مىڭ ئادەمنى تورغا جەلىپ قىلدى، نەتىجىدە، ئۇنىڭدىن 26 مىڭ قېتىملىق سودا پۈتۈشۈمى ھاسىل قىلىنىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 860 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  «ئالاقە تورى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز جايىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندە، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ.» قاراقاش ناھىيەلىك سودا ۋە سانائەت ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۇ چاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل قاراقاش ناھىيەسىدە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى داۋاملىق قوللىنىپ، چارۋا-قۇش مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز جايىمىزدىكى بىۋاسىتە مال ئېلىپ ساتىدىغانلارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ