مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش بولۇشى مۇمكىن

«مەۋھۇم پۇل» ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇڭ

2020.05.11 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق چىقارغان ئەسكەرتمىدە دېيىلىشىچە، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش»، «بۆلەك زەنجىرى» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئاتالمىش «مەۋھۇم پۇل»، «مەۋھۇم مۈلۈك»، «رەقەملىك مۈلۈك» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مەبلەغ جەلپ قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن. بۇ خىل پائالىيەت ھەرگىزمۇ بۆلەك زەنجىرى تېخنىكىسىنى ئاساس قىلمىغان، بەلكى بۆلەك زەنجىرى ئۇقۇمىنى كۆپتۈرۈپ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، شاخلىتىپ سېتىش، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن:

  بىرىنچىدىن، تورلاشتۇرۇش، چېگرا ھالقىش كۆرۈنەرلىك بولماقتا. ئالاقە تورى، پاراڭلىشىش قورالى ئارقىلىق سودا قىلىپ، توردا چىقىم قىلىش قورالى ئارقىلىق كىرىم-چىقىم قىلىدىغان بولۇپ، خەۋپ- خەتەر دائىرىسى كەڭ، تارقىلىش سۈرئىتى تېز بولماقتا. بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار چېگرا سىرتىدىكى مۇلازىمەت كومپيۇتېرىنى ئىجارىگە ئېلىپ تور بېكەت قۇرۇش ئارقىلىق، چېگرا ئىچىدىكى ئاھالىلەرگە قارىتا قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى. بەزى شەخسلەر پاراڭلىشىش قوراللىرىنىڭ توپ-گۇرۇپپىلىرىدا ئۆزىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك بۆلەك زەنجىرى تۈرىگە مەبلەغ سېلىش سوممىسىغا ئېرىشكەنلىكىنى، ۋاكالىتەن مەبلەغ سالسا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسا، بەلكىم ئالدامچىلىق ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئالداپ كەلگەن مەبلەغنىڭ كۆپىنچىسى چېگرا سىرتىغا ئاقىدىغان بولغاچقا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئىز قوغلاش بىر قەدەر قىيىن بولىدۇ.

  ئىككىنچى، ئالدامچىلىق، ئازدۇرۇش، يوشۇرۇنۇشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك. بەزىلىرى قىزىق نۇقتىلىق ئۇقۇمدىن پايدىلىنىپ كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىدۇ، بەزىلەر يەنە داڭلىق كىشىلەرنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىق قىلىدۇ، «ئاسماندىن قاتلىما چۈشىدۇ» دەپ كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ، «پۇل قىممىتى پەقەت ئۆرلەيدۇ، ھەرگىز تۆۋەنلىمەيدۇ»، «مەبلەغ سېلىش دەۋرىيلىكى قىسقا، پايدىسى يۇقىرى، خەۋپ-خەتەر تۆۋەن» دەپ جار سالىدىغان بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە. ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار پەردە ئارقىسىدىكى ئاتالمىش مەۋھۇم پۇل باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىنى كونترول قىلىش، پايدىغا ئېرىشىش ۋە نەق پۇل ئېلىش بوسۇغىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، قانۇنسىز ھالدا كۆپلەپ پايدا ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يەنە شەكلى ئۆزگەرگەن، يېڭىلانغان تۈرلۈك ناملار بىلەن مەۋھۇم پۇل تارقىتىدۇ ياكى ھەمبەھىر ئىقتىساد بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مەۋھۇم پۇلنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىدىغان بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك يوشۇرۇن ۋە قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە.

  مەسىلەن، يېقىنقى مەزگىلدە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش بىر قەدەر چوڭ بولدى، بەزى سۇپىلار «مەۋھۇم پۇل ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھالقىغان خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكى» دېگەن ئۇقۇمنى كۆپتۈرۈشكە باشلىدى، ئەمەلىي ئەھۋال بولسا مەۋھۇم پۇلنىڭ باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ، ئىستېمالچىلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. بۇلا ئەمەس، بۇ سۇپىلار يەنە ماشىنا ئادەم پىروگراممىسىدا كۆپلەپ زاكاز چۈشۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، مەۋھۇم پۇل سودا بازىرىنىڭ «گۈللىنىش» ساختا كۆرۈنۈشىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىستېمالچىلارنى ئېزىقتۇرۇپ باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، سۇپا تۈرلۈك بازار باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلىۋالدى.

  ئۈچىنچى، كۆپ خىل قانۇنغا خىلاپ خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت. قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئاشكارا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق «تىنچ پايدا ئېلىش» (پۇل قىممىتى ئۆرلەش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىش) ۋە «ھەرىكەتچان پايدا ئېلىش» (ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش) نى يەمچۈك قىلىپ، ئاممىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىدۇ ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ قاتناشتۇرۇشقا قىزىقتۇرۇپ، مەبلەغ كۆلچىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدىغان بولۇپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، شاخلىتىپ سېتىش، ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

  بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى قاتارلىق بەش تارماق ئىستېمالچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇ خىل پائالىيەتلەر «پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش» نامى بىلەن ماھىيەتتە «يېڭىسىنى ئارىيەت ئېلىپ كونىسىنى قايتۇرۇش»تىن ئىبارەت پونزى ئالدامچىلىقى بولۇپ، مەبلەغنىڭ ئايلىنىشىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. كەڭ ئامما بۆلەك زەنجىرىگە ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ياغلىما ۋەدىلەرگە قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىكى، توغرا بولغان مەبلەغ سېلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، خەۋپ- خەتەر ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ بايقالغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچىنى ئالاقىدار تارماقلارغا پائال پاش قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ