مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى ئوبزورى: مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قويۇش ئاشكارا «سىياسىي پوپوزا» قىلغانلىق (قوڭغۇراق ساداسى)

ئىغۋا تارقىتىپ «جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇشى»غا زىيان سېلىش خەلقئارا ھەققانىيەتكە زىت (7)

2020.05.08 17:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۈگۈنكى كۈندە ۋىرۇس يامراپ، يۇقۇم ئەۋج ئېلىۋاتقاندا، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار «سىياسىي پوپوزا قىلىش» ئويۇنى ئوينىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنياغا يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار بىر تەرەپتىن باشقىلارغا كەلگەن ئاپەتتىن خۇشال بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ قاراپ، مەيدىسىگە ئۇرۇپ كاپالەت بېرىپ، «قەتئىي چاتاق يوق»، «ھەممىسى كونتروللۇقىمىز ئىچىدە»، دېدى. 2- ئاينىڭ ئاخىرىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى قاراتمىلىق ھالدا «ھەرقانداق دۆلەت ئەگەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولمايدۇ دەپ قارىسا، ئۇ بىر ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار «كېسەللىك ئالامىتى ئىنتايىن يېنىك»، «ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ»، «مۆجىزىدەك يوقاپ كېتىدۇ» دەپ داۋراڭ سالدى. تەكشۈرمەسلىك- ئۆلچىمەسلىك سىياسىتى يولغا قويۇلدى، كېسەللىكنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ «ئېلان قىلماسلىق» بەلگىلىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش تەس بولدى، مەبلەغ تەستىقلانمىدى، ئىجرا قىلىدىغان ئادەم يوق، كېسەلنى داۋالىغۇدەك جاي يوق... نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چۈشىنەلمەيۋاتقىنى، ئامېرىكا يەر شارى بويىچە ئەڭ كۈچلۈك داۋالاش- ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىغا ئىگە، تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت بار تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن يۇقۇم زور دەرىجىدە يۈز بېرىش ۋەزىيىتى كېلىپ چىقىپ، يۇقۇملانغان بىمار سانى مىليوندىن ئېشىپ، 70 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈشتەك ئېغىر بەدەل تۆلىدى؟ بۇ ئادەمنى ئىنتايىن ئېچىندۇرىدۇ.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۈچلۈك تاقابىل تۇرمىغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى «جۇڭگو يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇردى»، «ۋىرۇس جۇڭگو ۋۇخەندىكى بىر تەجرىبىخانىدىن كەلگەن» دېگەن پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىپ، جۇڭگودىن «مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش، تۆلەم تەلەپ قىلىش» توغرىسىدا ھەدەپ داۋراڭ سالدى، ھەر خىل كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ماسلىشىپ، ئالدى-كەينى بولۇپ سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويدى. «ئىسپات قەيەردە؟» دەپ سورىسا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىدى. مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئارتىپلا قالماي، ئۇلار يەنە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بېسىم ئىشلىتىپ، «جۇڭگوغا يان باستى» دەپ تۆھمەت چاپلاپ، پۇل ئاجرىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى تەكشۈرىمىز، دەپ تەھدىت سالدى. بۇ خىل ئۆزگىرىشچان سىياسىي ھەرىكەت ئارقىلىق، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالىمەن، دەپ ئويلىغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئەقلى-ھوشى جايىدا كىشىلەر بۇنىڭ پەقەتلا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش، باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇش ئويۇنىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلىۋالالايدۇ. مۇشۇنداق قوپال ئۇسۇل بىلەن يەنە جاھاننى ئالداپ، نام- ئاتاقنى ئوغرىلاش − خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەقلىنى ھاقارەتلىگەنلىك بولىدۇ.

  ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ ئوچۇقتىن-ئوچۇق قاقتى-سوقتى قىلىشىغا خەلقئارادا نۇرغۇن ئادەم چىداپ تۇرالماي، بەس-بەستە پىكىر بىلدۈرۈپ، بۇنداق ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى ئورۇندىغان ناچار ئويۇنلارنىڭ ئەپتى- بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق كۆپ دۆلەت ئالىملىرىدىن تەركىب تاپقان خەلقئارا تەتقىقات ئەترىتى «تەبىئەت. مېدىتسىنا» ناملىق ئىلىم-پەن ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، يەر شارىدا كەڭ تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تەبىئىي تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، بۇ ماقالىدە قوللىنىلغان دەلىل- ئىسپاتلىق تەھلىلدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس «تەجرىبىخانىدا بەرپا قىلىنغان ئەمەس، مەقسەتلىك ھالدا سۈنئىي كونترول قىلىنغان ۋىرۇسمۇ ئەمەس» ئىكەن.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى: ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىن كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق»، دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا كالېفورنىيە داشۆسى داۋىس شۆبە مەكتىپىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى مۇتەخەسسىسى جونا مازېت ئىلگىرى ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىدىكى خادىملارنى تەربىيەلىگەن ھەمدە ھەمكارلىشىشقا قاتناشقان، ئۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى تەجرىبىخانىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىدى ھەمدە تەجرىبىخانا ئەۋرىشكىسى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ماس كەلمەسلىك، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ يۇقىدىغان كېسەللىكلەر ئارىسىدا پارتلىغان ئەڭ يېڭى بىر خىل ۋىرۇس بولۇش، تەجرىبىخانىدا قاتتىق بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىش، ئادەتتىكى كىشىلەر تەتقىقات خادىملىرىغا قارىغاندا تىرىك تەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىلەن تېخىمۇ ئاسان ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت تۆت تەرەپتىن ئىسپاتلاش ئېلىپ باردى. پاكىت ۋە ئىلىم-پەنگە ئاساسلانغان بۇ يەكۈنلەرنى ھەرگىزمۇ ھەممىلا يەردە ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈيدىغان ئامېرىكىلىق بەزى سىياسەتۋازلار ئىنكار قىلالمايدۇ!

  «مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش» سەپسەتىسى تېخىمۇ بىمەنە بولۇپ، پۈتۈنلەي بىر خىل «سىياسىي پوپوزا» ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو ئالدى بىلەن دۇنياغا يۇقۇم ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، پۈتۈن مەملىكەت ۋىرۇسقا تاقابىل تۇردى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، پۈتۈن دۇنيانىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەردى، بۇنىڭدا قانداق مەسئۇلىيەت بار؟! جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن زىچ ھەمكارلاشتى، جۇڭگونىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۇسۇلى، داۋالاش لايىھەسىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆرنەك قىلدى، جۇڭگو 16 دۆلەتكە 15 تۈركۈم داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، جۇڭگو ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن دۇنيانى تەمىنلىدى، بۇنىڭ قانداق مەسئۇلىيىتى بار؟!

  دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ كۆرەڭلىكى پۈتۈن يەر شارىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان يەر شارى بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئومۇمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى! ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ لوگىكىسى بويىچە ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ تۆلەم تەلەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىدىن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ تۆلەم تەلەپ قىلىدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ: ئىسپانىيە تارقىلىشچان زۇكىمى، ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالىنى دېمەيلا قويايلى، 2008-يىلى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى سانسىزلىغان كارخانىلارنىڭ تاقىلىپ قېلىشى ۋە شەخسلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئامېرىكا ئۇزاق يىلدىن بۇيان سىرتقا ئەسكەر چىقىرىپ، مىليونلىغان بىگۇناھ پۇقرانىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشى ۋە سانسىزلىغان مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مانا بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ بەك مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە، تۆلەم تەلەپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىش!

  كىشىلەر قەلبى ئەڭ چوڭ سىياسىيدۇر. ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارغا نەسىھەت قىلىمىزكى، كۆپرەك توغرا ئىش بىلەن شۇغۇللانغىنى ياخشى، يۇقۇم ئالدىدا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي بىمارلارنى قۇتقۇزۇشتۇر، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىدىغان يالغان گەپلەر، قاقتى- سوقتى قىلىدىغان پوپوزىنىڭ ئاز بولغىنى ياخشى. ئۇنداق بولمايدىكەن، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرەلمەيلا قالماي، بۇ خىل قىپيالىڭاچ «سىياسىي پوپوزا» ئىنسانلارنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش تارىخىدىكى بىر مەيدان سەتچىلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ