مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 53-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىنى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2020.05.12 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 53- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 11-ماي چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18- قېتىملىق يىغىنىنى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 18- يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى — ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، دائىمىي كومىتېتنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىنى قاراپ چىقىش، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان قارالما لايىھەسىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى ھەققىدىكى قارالمىسى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان تەكلىپ لايىھەسى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغان خادىملار ئىسىملىكى لايىھەسىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىش، ئالاقىدار تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ دائىمىي كومىتېت 18-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، سىرتتىن قاتنىشىدىغان خادىملار ئىسىملىكى لايىھەسى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، بەنگۇڭتىڭ، تەتقىقات ئىشخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېت 18-يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ