مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسىنىڭ يېڭى خۇلاسىسى: 7 ئۆلكە 2- دەرىجىگە، 22 جاي 3- دەرىجىگە چۈشۈرۈلدى

2020.05.07 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 6- كۈنى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قارار چىقىرىپ، 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 17 دىن باشلاپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسىنى تەڭشەپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن زور ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسىگە بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئىنكاسنى ئەسلىدىكى 2- دەرىجىدىن 3- دەرىجىگە چۈشۈردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسىنى تەڭشەش ئەھۋالى ھەققىدە خەلق تورىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىپ رەتلەپ چىققان جەملىمە جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەمدى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1- دەرىجىلىك ئىنكاس دەرىجىسىدىكى ئۆلكە قالمىغان بولۇپ، 2- دەرىجىلىك ئىنكاس دەرىجىسىدىكى ئۆلكىدىن يەتتىسى، 3- دەرىجىلىك ئىنكاس دەرىجىسىدىكى ئۆلكىدىن 22سى، 4- دەرىجىلىك ئىنكاس دەرىجىسىدىكى ئۆلكىدىن ئىككىسى قالغان.

  1- دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش 1- ئاينىڭ 24- ۋە 25- كۈنلىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، 5- ئاينىڭ 2- كۈنى پۈتۈنلەي تەڭشىلىپ بولدى

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جايلار تېزدىن ئاۋاز قوشتى، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، خۇنەندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە 1- ئاينىڭ 23- كۈنى 1- دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى يولغا قويدى. 1- ئاينىڭ 24- كۈنى (ھارپا كېچىسى) يەنە 15 ئۆلكە ئىنكاسنى دەرھال 1- دەرىجىگە تەڭشىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خۇبېي ئۆلكىسى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى باشلىغان ئىنكاس دەرىجىسىنى 2- دەرىجىدىن 1- دەرىجىگە كۆتۈردى. 1- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ قاتارلىق 12 ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون 1- دەرىجىلىك ئىنكاسنى يولغا قويدى. 1- ئاينىڭ 30- كۈنى شىزاڭ شۇنىڭدىن بۇرۇنقى، يەنى 1- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى 2- دەرىجىلىك ئىنكاسنى 1- دەرىجىلىك ئىنكاسقا تەڭشىدى، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكىنىڭ ھەممىسى 1- دەرىجىلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى يولغا قويدى.

  جايلارنىڭ 1- دەرىجىلىك ئىنكاس دەرىجىسىنى تەڭشەپ چۈشۈرۈش ۋاقتى 2- ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 3- ئاينىڭ بېشىغا مەركەزلەشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت 3 جاينىڭ دەرىجىسى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى بىرلا ۋاقىتتا 2- دەرىجىلىك ئىنكاسقا تەڭشەلدى. 5- ئاينىڭ 2- كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىنكاس دەرىجىسىنىڭ 2- دەرىجىگە تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكىنىڭ 1- دەرىجىلىك ئىنكاس دەرىجىسى پۈتۈنلەي تەڭشىلىپ تۆۋەنلىتىلدى.

  جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاس دەرىجىسىنىڭ نۆۋەتتىكى تارقىلىش ئەھۋالى: پەقەت 7 جاي 2- دەرىجىلىك ئىنكاستا قالدى، چىڭخەي ۋە شىنجاڭ 4- دەرىجىلىك ئىنكاسقا چۈشۈرۈلدى

  5- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شاڭخەي، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، شىزاڭدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايون 2- دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش دەرىجىسىدە قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىزاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرى 3- دەرىجىلىك ئىنكاس بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.3- دەرىجىلىك ئىنكاس دەرىجىسىدىكى 22 ئۆلكە تۆۋەندىكىچە: سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، جياڭشى، شەندۇڭ، خېنەن، خۇنەن، گۇاڭشى، خەينەن، چۇڭچىڭ، سىچۇەن، گۇيجۇ، يۈننەن، شەنشى، گەنسۇ ۋە نىڭشيادىن ئىبارەت .

  4- دەرىجىلىك ئىنكاستىكى ئىككى ئۆلكە: چىڭخەي ۋە شىنجاڭتىن ئىبارەت.

  ئىنكاس دەرىجىسىنىڭ چۈشۈرۈلۈپ تەڭشىلىش ئەھۋالى: بەزى جايلاردا 1– دەرىجىدىن بىۋاستە 3- دەرىجىگە تۆۋەنلىتىلدى، بەزى جايلاردا ئۇدا تەدرىجى تۆۋەنلىتىلدى

  بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شاڭخەي، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، شىزاڭ ۋە نىڭشيا قاتارلىق سەككىز ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىنكاس دەرىجىسى 1- دەرىجىدىن ھازىرقى 2- دەرىجىگە چۈشتى.

  ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، گۇاڭشى، گۇيجۇ، يۈننەن، شەنشى ۋە گەنسۇ قاتارلىق يەتتە ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوندا 1- دەرىجىدىن بىۋاستە 3- دەرىجىگە چۈشتى.

  سەنشى، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، جياڭشى، شەندۇڭ، خېنەن، خۇنەن، خەينەن، چۇڭچىڭ، سىچۈەن ۋە نىڭشيا قاتارلىق 15 ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنكاس دەرىجىسى تەدرىجى تۆۋەنلەپ، 1- دەرىجىدىن 2- دەرىجىگە، يەنە 2- دەرىجىدىن 3- دەرىجىگە چۈشتى.

  شىنجاڭنىڭ ئىنكاس دەرىجىسىمۇ تەدرىجى تۆۋەنلەپ، 1- دەرىجىدىن 2- دەرىجىگە، يەنە 3- دەرىجىگە، ئاخىرىدا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى 4- دەرىجىگە چۈشتى.

  چىڭخەينىڭ ئىنكاسى 1- دەرىجىدىن بىۋاسىتە 3- دەرىجىگە، ئاندىن 3- دەرىجىدىن 4- دەرىجىگە چۈشتى. 3- ئاينىڭ 6- كۈنى چىڭخەي 4- دەرىجىلىك ئىنكاس رايونى بولۇپ قالدى.

  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسىنىڭ جىددىي ئىنكاس دەرىجىسى جەمئىي تۆت دەرىجىگە بۆلۈنگەن.

  «دۆلەتنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى»دە، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىنىڭ خاراكتېرى، خەۋپ دەرىجىسى ۋە چېتىلىش دائىرىسىگە ئاساسەن، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرى پەۋقۇلئاددە زور (1- دەرىجىلىك)، زور (2- دەرىجىلىك)، بىر قەدەر زور (3- دەرىجىلىك) ۋە ئادەتتىكى (4- دەرىجىلىك)تىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ