مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ بۇلۇت ئۈستىدىكى 2020-يىل جۇڭگو كۇرسلۇق مەھسۇلات كۈنى پائالىيىتىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ داڭلىق، ئەلا ماركىلارنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش لازىم

خەن جېڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى ھەمدە پائالىيەت باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

2020.05.11 16:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، بۇلۇت ئۈستىدىكى 2020-يىل جۇڭگو كۇرسلۇق مەھسۇلات كۈنى پائالىيىتى باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ پائالىيەتكە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ___ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەرىپى. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە كۇرسلۇق مەھسۇلات ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى كەسپىي روھ، ھۈنەرۋەنلەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ داڭلىق ماركا يارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەت كۈچى بىلەن بازار بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى ھەمدە پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ