مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش دەل ئۆزىنى سۆيۈش، باشقىلارنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈشتۇر

2020.04.28 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۇ يىل 4-ئاي 32-قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى بولۇپ، باش تېمىسى «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەن بار، تازىلىقنى سۆيۈشتە بىرلىكتە ئىلگىرىلەيمىز» دەپ بېكىتىلدى، بۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يۇقۇم ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يامانلىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرگە تازىلىق ئادىتىنىڭ شەخسنىڭ شەخسىي ئىشىلا ئەمەسلىكىنى، بىر ئادەمنىڭ مەدەنىيلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بىخەستىلىك قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

  4-ئايدا، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر دائىم قول يۇيۇش قاتارلىق تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرمەكتە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار ئادەتلەرگە مەركەزلىك «جەڭ ئېلان قىلىندى»، بىر قاتار ئالاقىدار ھەرىكەتلەر قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا: «مۇھىت ئاسراش جەملىمە نومۇرى» ئۈندىدار ئەپچىسى يولغا قويۇلدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش ھەرىكىتىنى جەملىمە نومۇر بويىچە مۇكاپاتلاشقا بولىدۇ؛ «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قىلىنغان ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق»لارغا قەدىمكى شېئىرلار، نەزمىلەر، ئېسىل جۈملىلەر ئويۇلۇپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، كۆپچىلىككە گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلىنىش داۋامىدا تازىلىق يېڭى قارىشىنى قوبۇل قىلدۇردى؛ مەكتەپ ئاشخانىسى، سىنىپ قاتارلىق سورۇنلاردا كۆپچىلىك سۈپۈرگە، پول سۈرتكۈچ، دەسمال، دېزىنفېكسىيە چۆگۈنى قاتارلىق سايمانلارنى ئېلىپ، مەكتەپ مۇھىتى تازىلىقىغا بىرلىكتە قاتناشتى؛ دىققەت كىچىك كوچا، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى...

  «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەن بار، تازىلىقنى سۆيۈشتە بىرلىكتە ئىلگىرىلەيمىز»، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تورىنى مۇستەھكەملەپ، تازىلىقتا ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشتە ھەر بىر ئادەم «باشلامچى»دۇر، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ئومۇمىي خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرمەكتە.

  شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، مۇنداقلا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ «زۆرۈر دەرسلىكى»دۇر. تەننىڭ ساغلاملىقى تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئاساسىي كاپالىتى، مۇھىت تازىلىقى مەينەت، قالايمىقان، ناچار بولۇش كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلغۇچى ئامىلدۇر. بىر قېتىملىق يۇقۇمنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بار، لېكىن تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ چېكى يوق. مەسىلەن، يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكام پەسلىدە بىمارلار ماسكا تاقاپ، چۈشكۈرگەندە ئاڭلىق ھالدا ئېغىز- بۇرنىنى ئېتىۋېلىش قاتارلىقلارمۇ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭى ئادىتىگە ئايلىنىشى كېرەك.

  ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان 32 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-يېزا سەھىيە قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كەڭ ئاھالىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە شەكىللەنگەن تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش ياخشى ئادىتىنى داۋاملىق ساقلاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئۆزىنى سۆيۈش، باشقىلارنى سۆيۈش، تېخىمۇ مۇھىمى بىر خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك كونكرېت ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتۇش بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق پائالىيىتىگە يېڭى مەزمۇن ئاتا قىلىپلا قالماي، شەھەر-يېزىلارنىڭ قىياپىتىگە يېڭى كەيپىيات ئېلىپ كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ