مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-زىمبابۋې دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شى جىنپىڭ زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشتى

2020.04.20 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-زىمبابۋې باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ كەلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋاقىتنىڭ ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى. مەن زۇڭتۇڭ منانگاگۋا بىلەن جۇڭگو-زىمبابۋې ئارا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن جۇڭگو-زىمبابۋې مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ منانگاگۋا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىمبابۋېنىڭ «2030- يىللىق ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاشنى خالايمەن. نۆۋەتتە، جۇڭگو زىمبابۋې بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى قول تۇتۇشۇپ يېڭىشنى خالايدۇ.

منانگاگۋا تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 40 يىلنى ئەسلىسەك، سەمىمىي، ئىتتىپاق، ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش، بۇلار ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. زىمبابۋې بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىشنى يولغا قويدى. زىمبابۋې ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى داۋاملىق قەتئىي ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەسكىن سىنىقى ئالدىدا، زىمبابۋې جۇڭگو بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ