مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش رەھبەرلەر ئالاھىدە يىغىنىغا قاتناشتى

2020.04.15 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە (3+10)نىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش رەھبەرلەر ئالاھىدە يىغىنىغا قاتناشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى ئون دۆلەتنىڭ رەھبىرى، كورېيە زۇڭتۇڭى ۋېن زەييىن، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئەنبېي جىنسەن، شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى لىن يۈخۇي قاتناشتى. ۋىيېتنام زۇڭلىسى رۇەن چۈنفۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  لى كېچياڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تەسىر كۆرسىتىپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقى ئېغىر تەھدىتكە، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىنى تەشەببۇس قىلدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆز-ئارا ھەمدەمدە بولۇش سىگنالىنى تارقىتىپ، شەرقىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن-ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشكارا، ئوچۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مۇھىم باسقۇچلۇق خاراكتېرلىك نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلمەكتە. كېيىنكى باسقۇچتا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ قايتا ئۆرلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىپەرۋالىق قىلمايمىز. يۇقۇم ئالدىدا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەقدىرداش، بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىلا ئويلىسا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ