مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىڭىتىلغان تارىنى ھازىر بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ

2020.04.14 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەزى ئۆلكىلەردە يەنە توپلىنىشتىن پەيدا بولۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلدى، شۇڭا، شەخسىيلەر مۇداپىئەسىنى باشتىن-ئاخىر ياخشى ئىشلەپ، جۇغلىشىپ قالماي، ئاز توپلىنىش كېرەك. 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاممىغا يەنە بىر قېتىم سىگنال بەردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ھالەتتە تۇرماقتا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭ تېخى تاماملانمىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ھەش-پەش دېگۈچە باشقىچە ئۆزگىرىش بولىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ھەرقانداق بىر بىخ ھالىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئومۇمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. سەللا ئېھتىيات قىلمىغاندا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تىرىشچانلىقى يوققا چىقىدۇ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىسى بىكارغا كېتىدۇ.

  ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى جىددىي كەيپىيات بەلگىلىك دەرىجىدە پەسەيدى، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپى داۋاملىق ياخشىلاندى. لېكىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ نورماللىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن جايلاردا ئەسلىدە چىڭ تارتىلغان مۇداپىئە سېپى تارىسى بىر مەھەل بوشىشىپ قېلىشقا باشلىدى، بەزى ئاممىۋى سورۇنلار يەنە قىستا-قىستاڭ بولۇشقا باشلىدى. شۇنى بىلىش كېرەككى، كۆپىيىش نۆل دېگەنلىك خەۋپمۇ نۆل دېگەنلىك ئەمەس، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە «مۇداپىئەنى چېكىندۈرۈش»كە بولمايدۇ. مۇشۇنداق پەيتتە، تېخىمۇ كۆپرەك ھوشيار بولۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئەسلىدە قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇش ۋە تەلۋىلەرچە تاماشا قىلىشتىن مۇھىم.

  بىردەملىك بىخۇدلۇق قىلىشقىمۇ قەتئىي بولمايدۇ، بۇ ھەرگىز بىر ۋەھىمىلىك گەپ ئەمەس. مەسىلەن، گۇاڭجۇدا بىر يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىدا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلىۋاتقان مەزگىلدە مېھمانلارنىڭ تاماق يېيىش ئەھۋالىنى يوشۇرغان، ئاخىرىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ۋىرۇسقا يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان؛ شاڭخەيدە ئوخشاش بىر نۆۋەتچى ئايروپىلاندا شۇ كۈنىلا 80 گۇمانلىق كېسەل كۆپەيگەن؛ سۇيفېنخې پورتىدا چېگرادىن كىرگەن ئادەم سانى كۆپىيىپ، كېسەللىك ئەھۋالى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يۇقۇمنىڭ چېگرا سىرتىدىن كىرىش خەۋپ-خەتىرى يەنىلا ئېشىۋاتىدۇ، چېگرا ئىچىدە يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈش بېسىمىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ! ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى بوشاشتۇرمىغاندا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىجىللىقىنى تۆۋەنلەتمىگەندە، ھەمدە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى چۈشۈرمىگەندىلا، ئاندىن يۇقۇمنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

  چىڭىتىشقا تېگىشلىك تارىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، بىردەم چىڭ، بىردەم بوش قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. مەسىلەن، ۋۇخەن گەرچە «پېچەتلەشنى بىكار قىلغان» بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىز يولنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى بىكار قىلغانلىق ۋە باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى بىكار قىلغانلىق ئەمەس، شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىش ئۆي دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس، ئامما ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. يەنە مەسىلەن، ئۇزاق ۋاقىت قامال قىلىش ئارقىلىق، ئىستېمال ئېھتىياجىنى قويۇپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۈزۈلۈپ قالغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى رايونلارغا ۋە دەرىجىگە ئايرىپ ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى نورماللاشتۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، خۇشاللىق پەيتىدە يەنىلا سەگەكلىكنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  «ھازىر تېخى ماسكىنى ئېلىۋېتىدىغان ۋاقىت ئەمەس !» ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن بىر قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا بۇ ئىش توغرىسىدا كەسكىن قىلىپ ئېيتتى. شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، ماسكا تاقاپ يۈرۈش، تالاغا ئاز چىقىش، توپلاشماسلىق يەنىلا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ساغلاملىق ئىدىيەسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلىملىرىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ يۇقۇمغا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولىۋاتقان خەلقئارا يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە خېلى ئۇزاققىچە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ