مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى يۆتكەپ، چېگرا رايۇننىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.04.14 17:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 13- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ، ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە تۇتۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈش يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، ئىشنى ۋە قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. پورت باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنى داۋاملىق چىڭىتىپ، ئامال بار خادىملارنىڭ ئورۇنسىز چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنى ئازايتىپ، پورت باشقۇرۇش، پىرىيوم-كارانتىن قىلىش، قامال قىلىپ يۆتكەش ۋە ئايرىپ داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. چېگرا ياقىلىرىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بېسىمىغا ئاساسەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داۋالاش بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىنى چېگرا 1- سېپىگە بېرىشىنى دەرىجە بويىچە تەشكىللەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، چاسا بۆلۈمچىلىك دوختۇرخانىلارنى قۇرۇش، مەركەزلىك ئايرىش نۇقتىسى ۋە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە بىمارلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ھەمدە يېتەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش رېئاكتىپى، ئەسلىھەسى ۋە داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى يۆتكەپ، چېگرا رايۇن ۋە پورت شەھەرلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، داۋالاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئېكسپورت سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ساپاسىز ۋە ئۆلچەمسىز مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ۋە خام ئەشيا-ماتېرىيال باھاسىنى ھە-ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ