خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو-ھىندونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا قويۇق ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىپ، رايونلار ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى يەڭدى. مەن جۇڭگو-ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ جوكو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-ھىندونېزىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى مەزمۇن قوشۇشنى، رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ