مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەھبەر رازى بولىدۇ، دەپ ئاممىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئەخمىقانە ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك

2020.04.16 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ھۆججەت تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى داۋاملىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزىچە رەھبەرلەر رازى بولىدۇ، دەپ ئويلايدىغان، لېكىن ئاممىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئەخمىقانە ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقنى تەكىتلىدى. بۇ تەلەپ ئىنتايىن ئۆتكۈر بولۇپ، شەكىلۋازلىقنىڭ مۇھىم ئاپەت يىلتىزىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى.

  ھەر بىر خىزمەت باھالاش مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ، بۇ باھا «ئىككى تەرەپ»دىن كېلىدۇ، بىر تەرەپتىكىسى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم باھاسى، يەنە بىر تەرەپتىكىسى خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشلاش باھاسى. تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، باھالاش ئۆلچىمى دەل خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش- بولماسلىقىدۇر. ئەگەر ئامما رازى بولمىسا، ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا، بۇ دەل شەكىلۋازلىق بولىدۇ.

  بەزى جايلار سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش جەريانىدا رەھبەرلەرنىڭ «يۈزىنى يورۇق قىلىش» ئۈچۈن، يەرلىك كارخانىلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ سودا توختامى ئىمزالاپ «سان تولۇقلايدۇ» ياكى ئىمزالانغان تۈرلەر، ھەتتا ئىش باشلانغان تۈرلەرنى سودىگەر چاقىرىش يىغىنىدا يالغاندىن يەنە بىر قېتىم ئىمزالاپ، سودىگەر چاقىرىش سانىنى «چوڭايتىدۇ»؛ يەنە بەزى جايلار خىزمەتنى يولغا قويغاندا ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قارىماي، مەجبۇرىي ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەسلىدە رەھبەرنىڭ «كۆڭلىدىكىدەك» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، دەپ قارىغان بىلەن، ئاخىرىدا ھېچكىم بۇنىڭدىن رازى بولمايدۇ.

  ئۆزىچە رەھبەرنىڭ غېمىنى يېدىم دەپ ئويلاپ، رەھبەرنىڭ رازىلىقى ۋە ئاممىنىڭ رازىلىقىنى ئايرىۋېتىش — يالغۇز قۇرۇق گەپ بىلەن ھەيۋە قىلىپ، نامدا بار، ئەمەلدە يوق بولۇش مەسىلىسىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر خىل شەكىلسىز «مەجبۇرىلاش»نى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يولداشلارنى قىستاپ كىرگۈزۈپ، شەكىلۋازلىق قوشۇنىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نورمال خىزمەتنىڭ «تەمى»نى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

  بەزى كىشىلەر ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا رەھبەرلەرگە تەسىر قالدۇرالمايدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ، چوڭ تەسىر پەيدا قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ، خىزمەت دوكلاتىدا قارىماققا چىرايلىق بولمايدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا ھوقۇق قارىشى خاتا، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ئاجىز بولۇشتىن ئىبارەت.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى بويىچە يامراۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئېلىمىز دۇچ كەلگەن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر بولدى، بۇ يىل يەنە خىزمەت ئىنتايىن ئېغىر بولغان بىر يىل بولىدۇ، بولۇپمۇ ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، شەكىلۋازلىقنىڭ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىر تەرەپتىن پارتىيەلىك كادىرلارنى توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلىشى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش خىزمەت ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك. كۆپتۈرمىچىلىك قىلمىشىغا قارىتا دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ جاھىل كېسەلنى يىلتىزىدىن يوقىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ