مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار قىزىق نۇقتا مەسىلىسىگە نەزەر

كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارغا قانداق قاراش، قانداق قوغدىنىش كېرەك؟

2020.04.13 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئۆز زېمىنىمىزدىكى يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئۈزۈلدى، ۋۇخەننىڭ ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار دېگەن نېمە، ئۇلارنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى قانداق؟ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يۇقۇمنى تارقىتىش خەتىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قانداق باشقۇرۇشى، قانداق تەكشۈرۈشى كېرەك؟ ئامما ئۆزىنى قوغداشنى قانداق ياخشى ئىشلىشى كېرەك؟ جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بۇ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مۇتەخەسسىسلەر تۆۋەندىكىچە جاۋاب بەردى. خەلق تورى ئاممىنىڭ ئۆزىنى قانداق قوغدىشى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى رەتلەپ، تورداشلارغا سۇندى.

  ئامما ئۆزىگە قانداق قاراش، قانداق قوغدىنىش كېرەك؟

  بىر قىسىم كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلاردىن قورقۇش كەيپىياتىغا قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار بىلەن زىچ ئۇچراشقان كىشىلەر كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن ئۇچراشمىغان كىشىلەر ئادەتتە يۇقۇملانمايدۇ، قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

  مۇتەخەسسىس لى چۈن مۇنداق دېدى: «ئاممىنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى بولۇشى كېرەك، ئەمما ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەتراپتا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بار-يوقلۇقىنى بىلىشكە ئامال بولمىغان ئەھۋالدا، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش تېخىمۇ مۇھىم».

  مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: كېسەللىك ئالامىتى ۋە گۇمانلىق ئۇچرىشىش تارىخى بولمىغان ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈشى ھاجەتسىز. ئادەتتىكى كىشىلەر توپىنى كەڭ كۆلەمدە ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ ھەم زۆرۈرىيىتىمۇ يوق. ئاممىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دەل شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوزۇقلۇقنى ئاشۇرۇپ، ياخشى ئارام ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتۇر.

  قېلىپلاشقان مۇداپىئەمۇ ئىنتايىن مۇھىم. لى چۈن مۇنداق دېدى: «بىزدە بەلكىم بەزى ئاڭسىز ھەرىكەتلەر بولۇشى مۇمكىن، بەزى ناچار ئادەتلەرگە دىققەت قىلمايمىز، مەسىلەن ماسكىنىڭ سىرتقى يۈزىنى سىلىغاندىن كېيىن كۆزىمىزنى ئۇۋۇلاش قاتارلىقلار»، ئامما بىر تەرەپتىن ئاڭلىق ھالدا شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن مۇداپىئەنى قانداق قېلىپلاشتۇرۇشنى بىلىشى كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: «يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكىمۇ پايدىلىق». ماسكا تازىلىقى، قول يۇيۇش تازىلىقى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقى ساقلاش قاتارلىق ياخشى تازىلىق ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ