مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.04.17 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16- چېسلا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيادا يامرىماقتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتە. بىز بىر ئاي ئىچىدە ئىككى قېتىم تېلېفونلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدۇق. سىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئۆزىڭىز ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قوماندانلىق قىلىپ، بىر قاتار كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چىقاردىڭىز. ئىشىنىمىزكى، سىزنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىڭىزدە، رۇسىيە يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى جەزمەن ئىمكانقەدەر تېزدىن تىزگىنلەپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقى قەلبداش. جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئەڭ قىيىن پەيتتە رۇسىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمدەم بولدى، بۇنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايمىز. بۇ بىرقانچە كۈندە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسى موسكۋادا پائال خىزمەت قىلىپ، رۇسىيە بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن ئورتاقلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو رۇسىيەنى بىر تۈركۈم ياردەم ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە رۇسىيەنىڭ جۇڭگودىن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا پائال ياردەملەشتى. جۇڭگو رۇسىيەنى داۋاملىق تۈردە قەتئىي قوللايدۇ. رۇسىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ قىلغان ئىجابىي خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىشىنىمىزكى، رۇسىيە چوقۇم جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەدىكى نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا بۇرۇنقىدەكلا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە بەلگىلەشتۈرۈش خەلقئارا ھەمكارلىققا پايدىسىز، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىشىپ، يەرشارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ