مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆپ تارماقلار تەكلىپ قىلىش ۋە ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى بالدۇر ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك

2020.04.08 18:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل پۈتۈن مەملىكەتتە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى سانى 8 مىليون 740 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 400 مىڭ ئوقۇغۇچى كۆپىيىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئىلگىرىكى 3-، 4- ئايلار دەل خىزمەت ئىزدەيدىغان مۇھىم مەزگىل ئىدى، بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، نەق مەيداندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئېچىلمىدى، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بازار ئېھتىياجى ئازىيىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىزدىشىگە قىيىنچىلىق تۇغۇلدى. بۇنىڭغا قارىتا جايلار ۋە تارماقلار ئارقا-ئارقىدىن تەدبىر قوللىنىپ ۋە يول ئېچىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالدۇر ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  مۆلچەرلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى بىر قەدەر زور بولغاچقا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرمەكتە.

  بىر تەرەپتىن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» قاتارلىق تۈرلەرنى تەشكىللەپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامغا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى؛ تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئوقۇتقۇچىنى جىددىي قوبۇل قىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگە قوبۇل قىلىدۇ.

  يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ يىلقى پىلان بولسا، ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئالاقىدار پەنلەر ۋە كەسپىي ئۇنۋان تۈرىگە مايىللاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا-غەربىي رايونلار ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە مايىللاشتۇرۇش؛ بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئاساسلىقى كەسپىي مائارىپ تولۇق كۇرس ۋە قوللىنىشچان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىدىن كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا زور كۈچ سەرپ قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ جەھەتتە جايلار، ئالىي مەكتەپلەر ۋە جەمئىيەتتىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى داڭلىق تور پونكىتلىرى بىلەن بىرلىكتە «24365 مەكتەپ قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى توردا قوبۇل قىلىشتىكى پۈتۈن يىل بويى 24 سائەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، بۇ سۇپا ئوقۇغۇچىلارنى ئىش ئورنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 8 مىليون 330 مىڭ تۈرلۈك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى، يېڭىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان ئادەم سانى 1 مىليون 320 مىڭغا يېتىپ، تەرجىمىھال يەتكۈزۈش سانى 11 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

  توردا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئائىت 450دىن ئارتۇق نادىر دەرسلىك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تور بېكىتى ئۇچۇرلىرىنى توردا ئېلان قىلىش يولغا قويۇلۇپ، دەل جايىدا يوللاش، توردا يۈز تۇرانە ئىمتىھان بېرىش ۋە توردا كېلىشىم ئىمزالاشقا ئىلھام بېرىلدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تورى (يېڭى كەسىپ تورى)دا 20- مارت كۈنى توردا كېلىشىم ئىمزالاش سۇپىسىنى رەسمىي يولغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر يېقىنقى مەزگىلدە كۈنىگە ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر خىل تورلار ئارقىلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدىن 2000 مەيدان ئۆتكۈزدى. 3- ئايدا، خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا ئائىت ئوخشىمىغان تۈردىكى پائالىيەتلەردىن جەمئىي 70 مىڭ مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش كېرەك. ئەگەر ئوڭۇشلۇق ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا خىزمەت تاپالمىغان بولسا، ئۇنداقلارنىڭ نوپۇس ۋە ئارخىپى بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپتە ئىككى يىل ساقلاپ قېلىنسا بولىدۇ. مەكتەپ داۋاملىق تۈردە ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئالاقىدار تارماقلار يەنە «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە ئىنكۇباتور قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنى كۆپەيتىدۇ. دۆلەتنىڭ پەن تەتقىقات تۈرلىرىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى پەن تەتقىقات ياردەمچىسى ياكى ياردەمچىلىكىگە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك-مۇلازىمەت خىراجىتى ۋە ئالاقىدار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بەلگىلىمە بويىچە تۈر خىراجىتىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىگىلىك تىكلەش ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى بوشىتىش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش، كارخانىلارنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىش

  بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئىنتايىن مۇھىم.

  دۆلەت ئوتتۇرا-مىكرو كارخانىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشىغا تولۇقلىما بېرىدۇ، دۆلەت كارخانىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئۇدا ئىككى يىل كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پراكتىكا كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە قوبۇل قىلىشنى مۇۋاپىق كېچىكتۈرۈش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىش ئورنىنى پائال يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى بوش قالغان ئىش ئورۇنلىرى ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس تۈردە قوبۇل قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇنىڭدا، كەسىپ تاللاش مەزگىلىدە خىزمەت ئورنى تاپالمىغان ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ