مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى ئەكبەر غوپۇر پارتىيەدىن قوغلاندى

2020.04.09 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى ئەكبەر غوپۇرنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ئەكبەر غوپۇر غايە-ئېتىقادىنى يوقاتقان، قىلچە سىياسىي ئېڭى، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى يوق، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن، تىل بىرىكتۈرۈپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى يۆتكىگەن، يوشۇرغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغات، سوۋغات پۇلىنى قۇبۇل قىلغان؛ شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى ئەينەن دوكلات قىلماي، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش داۋامىدا باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەن ۋە پۇل-مالنى قۇبۇل قىلغان؛ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەمەلىي خىزمەت قىلماي ئىش ھەققىگە ئېرىشىشىگە يول قويغان، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ تۇرالغۇسىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكەن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پايدا ئېلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ پايدىغا ئېرىشكەن، خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن، ئۆي تەقسىم قىلىش، سېتىۋېلىش جەريانىدا دۆلەت مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان، ئۆزى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتلەرنى باشقا ئورۇنلارغا چىقىم قىلدۇرغان؛ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ھەدەپ قۇبۇل قىلغان.

  ئەكبەر غوپۇر پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان ھەمدە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغان، خاراكتېرى قەبىھ، قىلمىشى ئېغىر بولغان، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق ئەكبەر غوپۇرغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئۇ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىنات بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، دىلوغا چېتىشلىق پۇل-مال دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  ئەكبەر غوپۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ئەكبەر غوپۇر، ئەر، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئاقسۇدىن، 1959-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، 1975-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1975-يىلى 8-ئايدىن 1978-يىلى 9- ئايغىچە ئاقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىگەچى گۇڭشېسىدا قايتا تەربىيە ئالغان؛

  1978-يىلى 9-ئايدىن 1981-يىلى 7- ئايغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1981-يىلى 7-ئايدىن 1985-يىلى 9- ئايغىچە ئاقسۇ ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا تەرجىمان بولغان؛

  1985-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7- ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنىنىڭ تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1987-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 8- ئايغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا تەرجىمان بولغان؛

  1988-يىلى 8-ئايدىن 1993-يىلى 3- ئايغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛

  1993-يىلى 3-ئايدىن 1995-يىلى 9- ئايغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (بۇ ئارىلىقتا، 1993-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 1- ئايغىچە تيەنجىن داشۆسىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  1995-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 1- ئايغىچە ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىمى، مۇۋەققەت ھاكىمى بولغان (1995-يىلى 5- ئايدىن 1995-يىلى 11-ئايغىچە شەندۇڭ ئۆلكىسى جاۋيۈەن شەھىرىدە ۋەزىپە بىلەن مۇئاۋىن شۇجى بولغان)؛

  1996-يىلى 1-ئايدىن 1997-يىلى 9- ئايغىچە ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاكىمى بولغان؛

  1997-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى 12- ئايغىچە ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمى بولغان (بۇ ئارىلىقتا، 1998-يىلى 9-ئايدىن 1999- يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  1999-يىلى 12-ئايدىن 2000-يىلى 11- ئايغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛

  2000-يىلى 11-ئايدىن 2003-يىلى 3- ئايغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان (1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان)؛

  2003-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 2- ئايغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2005-يىلى 2-ئايدىن 2012-يىلى 3- ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان؛

  2012-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 3- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى (نازىر دەرىجىلىك)، خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

  2013-يىلى 3-ئايدىن 2017-يىلى 1- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىرى بولغان؛

  2017-يىلى 1-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

  (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ