مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتلىقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك

2020.04.17 18:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ: خۇبېيغا ياردەم بېرىش تېبىي ئەترىتى ۋە شۇ جايدىكى تېببىي خادىملارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، خۇبېيدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئىچىدىكى يېشى 80 دىن ئاشقان 3600 دىن ئارتۇق بىمار داۋالاپ ساقايتىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېشى 100 دىن ئاشقان بىماردىن يەتتىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېشى ئەڭ چوڭى 108 ياشقا كىرگەن. يېشى 80 دىن ئاشقان ئۇ بىمارلارنىڭ داۋالاپ ساقايتىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %70كە يېقىنلاشتى. مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەر بۇنى «قالتىس نەتىجە» دەپ قارايدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى چوقۇم بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك! بۇ تەلەپ چوقۇم قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بىمارنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىش ۋە داۋالاشقا تېگىشلىك بىمارنىڭ ھەممىسىنى داۋالاشتەك پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشتىن تارتىپ تاكى ھەر بىر بىمارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاشقىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك؛ «بىر ئائىلىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق» ۋە «بىر ئادەمنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق» پىرىنسىپى بويىچە ئالا قويماي چوڭ تەكشۈرۈش قىلىپ داۋالاشتىن تارتىپ تاكى «مەخسۇس ئادەمنى مەخسۇس قوغداش»تىن ئىبارەت ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش تەدبىرىنىڭ قوللىنىلىشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك؛ 42 مىڭدىن ئارتۇق تېبىي خادىمنىڭ ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن خۇبېيغا ياردەمگە بېرىشىدىن تارتىپ ياكى پۈتۈن سۈرئەت بىلەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسى، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى ۋە چاسا بۆلۈمچىلىك دوختۇرخانىلارنى قۇرۇپ چىقىشقىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، دېگەن ئىدىيەنى تولۇق نامايەن قىلىش ئۈچۈندۇر. مانا مۇشۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، ۋۇخەندىكى ئېغىر كېسەللەرنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان شۇ چاغدىكى 9000دىن كۆپرەك ئادەمدىن ئەمدى تۆۋەنلەپ ئىككى خانىلىق سانغا چۈشتى، بۇ تېببىي قۇتقۇزۇش تارىخىدا ئاز ئۇچرايدۇ.

  ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتلىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەر بىر بىمارنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ، ھەر بىر ئادەمگە ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بولسا، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ يەنە بىر قېتىم يۈكسىلىشى ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنىڭ يەنە بىر قېتىم مۇجەسسەملىنىشى بولۇپ قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ